‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› نىڭ جۇڭگونى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
13-12-2014
0
992
يازغۇچى: ئۇچقۇچى
thumb

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى. 18 – قۇرۇلتاي 2012 – يىلىنىڭ ئاخىرى ئېچىلغاندىن بۇيان، پارتىيەنى، رەھبىرىي كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش، سىجىل يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاشتىن ئىبارەت ‹‹يولۋاسقىمۇ، چىۋىنگىمۇ زەربە بېرىش›› ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى ئارىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. ئۆتكەن ئىككى يىلدا، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ناچار ئىستىلىغا قارىتىلغان ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› ھەممە كىشى بىلىدىغان ئېقىم مەسىلىسى ئاتالغۇسى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ھەيۋە – سۈرى بىلەن رەھبىرىي كادىرلار ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتەلمەيدىغان بولدى، خەلق بۇنى ئالقىشلىدى.


ئېسىمىزدە قېلىشىچە، ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› يېڭى ئېلان قىلىنغاندا، نۇرغۇن كىشى بۇ پەقەت ‹‹بىر ئۆتكۈنچى شامال›› دەپ قارىغانىدى. لېكىن ئۆتكەن ئىككى يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› رەھبىرىي كادىرلارغا نىسبەتەن ‹‹چەمبىرەك ئەپسۇنى››بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى تۈزۈم بولۇپ قالدى. ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››دىكى تەلەپلەر بويىچە سۆز – ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا ‹‹يېڭى نورمال ئەھۋال››غا ئايلاندى.


ئۆتكەن ئىككى يىلدا ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قالاق ئادەتلىرى ئۆزگەردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆلۈك شەكىلدىكى ‹‹يىغىن، ھۆججەت كۆپ بولۇش››، ئىسراپچىلىق قىلىپ زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋېلىش، رەھبىرىي كادىرلار خىزمەت تەكشۈرگىلى كەلگەندە يوللارنى قامال قىلىۋېلىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئەندىزىلەشتۈرۈپ خەۋەر قىلىش قاتارلىق ناچار ئىستىللار رەھبىرىي كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يىراقلاشتۇرۇۋەتكەنىدى.

ئامما بۇنىڭدىن نارازى ئىدى، بەزى ئەمەلىيەتچىل رەھبىرىي كادىرلارمۇ بۇ شەكىلۋازلىق بىلەن چەكلىنىپ قالغانىدى. ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدىكى ناچار ئىستىللار تۈگىتىلدى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلىمۇ يېڭىلاندى، رەھبىرىي كادىرلار ئازاد قىلىندى ھەم ئاممىنىڭ يۈكى يەڭگىللىتىلدى.
ئۆتكەن ئىككى يىلدا ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت مۇھىتىنى ئۆزگەرتتى.

‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلەرنى تازىلاشنىڭ ئورتاق نىشانى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت. بۇرۇن بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ناچار خىزمەت ئىستىلى ئۇزاققىچە تۈزىتىلمەي، ئەمەلدارلار سورۇنى مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قېلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلى مەلۇم دەرىجىدە بۇزۇلغانىدى. ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل سەپلەش، ئىشخانىلارنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بېزەش، چوڭ يەپ – چوڭ ئىچىش، ئومۇمنىڭ پۇلى بىلەن ئالىي دەرىجىلىك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىش قاتارلىق ناچار ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاش ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىلە تۈزىتىلدى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمۇ نورمال ھالەتكە چۈشتى.


ئۆتكەن ئىككى يىلدا ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› رەھبىرىي كادىرلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ياخشىلىدى. ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› خۇددى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا ئوخشاش رەھبىرىي كادىرلارنى ھەر ۋاقىت ياخشى باشلامچى بولۇشقا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى. بولۇپمۇ ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان 2014 – يىلىدا ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› يەنىمۇ چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تەدرىجىي ھالدا چېقىلغىلى بولمايدىغان ‹‹قاتتىق سەككىز بەلگىلىمە›› بولۇپ قالدى. نۇرغۇن ‹‹ھوقۇق پاراۋانلىقى›› ‹‹مۇسادىرە›› قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن رەھبىرىي كادىر كۆنەلمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى يىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى خېلى نورماللاشتى. بۇرۇنقى ‹‹تەكەببۇر تۆرەملەر››ھازىر ‹‹خەلقنىڭ چاكىرى›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندى.


ئۆتكەن ئىككى يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەركەزنىڭ پوزىتسىيەسى قەتئىي، تەدبىرى كۈچلۈك بولۇپ، بىرىنچى قول رەھبەرلەر ئۈلگە بولسىلا، جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىلسىلا، رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدىكى ناچار ئىستىللارنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئۆتكەن ئىككى يىلدىكى بولغان ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەر كىشىنى شادلاندۇردى، شۇنداقلا كىشىلەردە تېخىمۇ كۆپ ئۈمىدلەر پەيدا بولدى. ‹‹قىزىل سىزىق›› بارغانسېرى ئېنىق، ‹‹چەكلەنگەن رايون›› بارغانسېرى روشەن بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر خىزمەتلەرنى داۋاملىق ئىنچىكە ئىشلەپ، يوچۇقلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېتىپ، ھەر قايسى ساھەدىكى ناچار ئىستىللارنى قاتتىق توسۇپ، ھوقۇقنى چەكلەپ تۇرىدىغان تۈزۈملەرنىڭ بارغانسېرى چىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.


دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى جەزمەن قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، ھەرگىز ‹‹تۇتۇپ قويۇش، قويۇپ بېرىش، يەنە قالايمىقانلىشىش، يەنە تۇتۇش›› تەك يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش يولىغا باشلىماسلىق كېرەك. شۇڭا، بىز نەتىجىلەرنى كۆرۈش بىلەن بىللە، ئىستىل مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە جاھىللىقىنى تولۇق تونۇپ، مەسىلىلەرنى يېتەكچى قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى تەدبىرلەر ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشىمىز ھەم ئۈنۈمى روشەن بولغان بەزى ئۇسۇللارنى تۈزۈم قىلىپ بېكىتىشىمىز كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرگەندىلا، بەزى ناچار ئىستىللارنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› ئارقىلىق جۇڭگونى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
13-12-2014
0
992
يازغۇچى: ئۇچقۇچى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
25-03-2015
0
114
thumb
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: كۈچلۈك قۇياش بورىنىنىڭ تەسىرىدە، 17-مارت كەچ جەنۇبىي - شىمالىي يېرىم شاردىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئارقا-ئارقىدىن قۇتۇپ ھادىسىسى كۆرۈنگەن، دۆلىتىمىزدە بولسا بېيجىڭ ئاسترونومىيە سارىيىنىڭ باشلىقى جۇ جىن ئاپتونوم رايون...
23-03-2015
0
259
thumb
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18 – مارت تېلىگراممىسى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 18 – مارت ئېلان قىلغان ‹‹خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن يىللىق دوكلات (2014)›› (ئاق تاشلىق كىتاب)تا خەلق سوت مەھكىمىلىرىن...
23-03-2015
0
114
thumb
يېقىندا شەرقىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ كەچلىك بازار ـــ شېنياڭ تېشى رايونى شىڭشۇن ئالاھىدە كەچلىك بازىرى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. بۇ كەچلىك بازار شېنياڭ شەھىرىنىڭ تېشى رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1.8 كىلومېتىر كېلىدۇ، كەچلىك بازار ئاسا...
21-03-2015
0
212
thumb
دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ چەتئەللەردىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپكە ھەق تاپشۇرۇش ئاساسى پىرىنسىپى، باشقۇرۇش تەلىپى ۋە باج ئورگانلىرى يىل چېكىنى سۈرۈشتۈرۈش، تەڭشەش قاتارلىق ئالاقىدار مەسىلىلەرنى يەنىم...
21-03-2015
0
725
thumb
تۈنۈگۈنكى قەرەللىق مۇخبىرلار يىغىنىدا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دېڭىز كۈچى تەشكىللەپ، جەنۇبىي دېڭىزنى چارلىشى كېرەك، دېگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ...
21-03-2015
0
543
thumb
 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20 -مارت ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-مارت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى خەلق سارىيىدا پارتىيە رەئىسى مولانا فازلۇر راخمان باشچىلىقىدىكى پاكىستان فارۇز ...
19-03-2015
0
283
thumb
يولۇچىلار ۋە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئېلىمىزنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن ئالاقىدار تارماقلار خەلق ئاۋىئاتسىيە ئۇچۇر سىستېمىسىغا قانۇنسىز كىرىش جىنايىتىگە داۋاملىق زەربە بې...
19-03-2015
0
299
thumb
يۈ جېڭشېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18- مارت تېلېگراممىسى. يولداش سەيپىدىن ئەزىزى تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 18- مارت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي...
18-03-2015
0
403
thumb
«كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامى» 1-مارتتىن تارتىپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش رەسمىي باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى كۆچمەس مۈ...
18-03-2015
0
206
thumb
گەنسۇ تيەنشۈي پويىز ئىستانسىسىدا 17-مارت ئىشلەمچىلەر 3669-قېتىملىق پويىز بىلەن شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقتى. بۇ چاغاندىن كېيىن گەنسۇدىكى 2-چوڭ شەھەر تيەنشۈيدىن شىنجاڭ ئۈرۈمچىگە قاتنىغان ئىشلەمچىلەر تۇنجى مەخسۇس پويىزى بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى ...
Powered by Leglek