بۇ يىل توقۇمىچىلىق، كىيىم–كېچەك كەسپىگە 27 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 67مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ
ئاپتونوم رايوننىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى 24 – مارت چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا بۇ يىل توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىدە مۇقىم مۈلۈككە 27 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 67 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ يىل ئاپتونوم رايون ھالقىسىمان پاختا يىپ ئېگىرىش ئۇرچۇقىنى 2 مىليونغا، ئايلانما لوڭقىلىق چاقنى 120 مىڭغا، توقۇش ئىستانوكىنى 1500گە، يىللىق كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 50 مىليون يۈرۈشكە يەتكۈزۈش، ئائىلىدە توقۇلغان بۇيۇملار، گىلەم قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئورۇنلار ھەرىكەت لايىھەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئورۇنداپ، نۇقتىلىق ھالدا توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك سانائىتى رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە زاۋۇت ئۆيى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، كارخانىلارنىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، بازارنى غەربكە كېڭەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بولۇپمۇ ‹‹ئۈچ شەھەر، يەتتە رايون، بىر مەركەز››نىڭ باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ يىل قۇرۇلۇشتا دەسلەپكى كۆلەم شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى قوللاش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايون 2014 – يىلى توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى، 2014 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىدە مۇقىم مۈلۈككە 9 مىليارد 615 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %76.1 ئېشىپ، تارىختا يېڭى رېكورت يارىتىلدى، يېڭىدىن 40 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى.
25-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى:
جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
|
 |
جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
|
 |
بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
|
 |
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
|
 |
جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
|
 |
ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
|
 |
سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
|
 |
خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
|
 |
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
|
 |
2- ئاينىڭ 3- كۈنى نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1126 دوللار بولغان ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا 17 دوللار ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1143 دوللارغا...
|