بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئوتتۇرا قىسىم ئافرىقا ئەللىرى ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسى، فىرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر خەلقئارا تەشكىلاتى 4- مارت بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېقىندا زۇڭتۇڭ سايلىمىنى تىنچ ئۆتكۈزگەنلىكىنى قارشى ئالدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇن سوت مەھكىمىسى 3-مارت 2- قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، بۇ قېتىمقى چوڭ سايلام تىنچ سايلام بولۇپ، پۇقرالار ئاۋاز بېرىشكە ئاكتىپ قاتناشتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار سايلام نەتىجىسىنى قارشى ئالىدۇ، ھەمدە تۇۋادىرانىڭ زۇڭتۇڭ بولغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، ئۇنىڭ سۆزلىشىش ۋە مىللىي يارىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى قوللايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ 2-قېتىملىق پارلامېنت سايلىمى قاتارلىق ئۆتكۈنچى مۇساپىنى ئورۇندىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved