پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ھوقۇقدار 20 داڭدار شەخس (2)مەنبەسى: wallstreetcn.com | ۋاقتى: 2015-12-03 12:49:15 | يوللىغۇچى: جاھانكەزدى | ئەسلى مەنبە: http://www.nur.cn/news/2015/12/261945.shtml ئامېرىكا مالىيە ئىقتىساد تور بېكىتى Business Insider پۈتۈن دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ‹‹ھوقۇقدار›› 20 داڭدار شەخسنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىققان بولۇپ، زاكېربېرگ، بېزوس قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ كاتتا بايلىرى ھەمدە مايۈن، ماخۇاتېڭ، لى يەنفۇ قاتارلىق جۇڭگو كارخانىچىلىرى بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان.
Business Insider ھەر بىر شەخسنىڭ خۇسۇسىي بايلىقى، چاقىرىق كۈچى ھەمدە تاراتقۇلاردا پەيدا بولۇش قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى رەت تەرتىپنى تىزىپ چىققان.
10. Satya Nadella
ۋەزىپىسى: مىكروسوفت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى
دۆلىتى: ئامېرىكا
يېشى 48 ياش
گەرچە مىكروسوفت يەنىلا يۇمشاق دېتال ماگناتى بولسىمۇ، بىراق ئىلگىرى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشلامچىسى دەپ ئاتالغان كىشىلەر قالمىغان. Satya Nadella بۇ يىل مىكروسوفتنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇپ، شىركەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا.
Nadella ئاللىقاچان نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ يىل غەلىبىلىك ھالدا Windows 10 سىستېمىسىنى ئېلان قىلىپ، 110 مىليون ئابونىتنى جەلپ قىلغان. ئۇ يەنە Salesforce ۋە Oracle قاتارلىق رىقابەتچىلىرىنى ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلاندۇرۇپ، يېڭىچە ساندان مۇلازىمىتى، بۇلۇت مۇلازىمىتى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ مىكروسوفتنىڭ ئەڭ چوڭ خادىم قىسقارتىش پىلانىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، يەنىلا شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.
9. Elon Musk
ۋەزىپىسى: تېسلا ۋە SpaceX شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى
دۆلىتى: ئامېرىكا
يېشى 44 ياش
ھازىرغا قەدەر، Elon Musk مەبلەغ سېلىپ باققان، ئۆزى قۇرغان ياكى ھوقۇق تۇتۇپ باققان شىركەتلەر 18 بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئەڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە شىركەت تېسلا ۋە SpaceX شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يىل بۇ ئىككى شىركەت ئۈچۈن مۇھىم بولغان بىر يىل بولۇپ، 6-ئايدا SpaceX شىركىتى خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدا راكېتا قويۇپ بەرگەن (مەغلۇپ بولغان)، 9-ئايدا تېسلا Model X ئىشلەپچىقىرىلىپ سېتىلىشقا باشلىغان.
Elon Musk نىڭ خۇسۇسىي بايلىقى 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، داۋاملىق ئېشىپ بارماقتا ئىكەن. بۇ ئۇنىڭ كەلگۈسى پەن-تېخنىكىنى سىناق قىلىشىنى ئىقتىدار بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ يىل 1-ئايدا، ئۇ Twitter دا، 8 كىلومېتىرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتلىك Hyperloop تەجرىبە يولى ياساپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك قاتناش سىستېمىسىنى سىناق قىلىشىغا تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ يىل ئۇ يەنە Future of Life Institution قا 10 مىليون دوللار ئىئانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك سۈنئىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم قىلغان.
8. Larry Ellison
ۋەزىپىسى: Oracle نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە مۇدىرى
دۆلىتى: ئامېرىكا
يېشى: 71 ياش
Ellison ئۆتكەن يىلى Oracle نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىدىن ئىستېپا بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېڭى بۇلۇت ھېسابلاش مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمەت پىلانىنى ئېلان قىلغان.
Ellison نىڭ خۇسۇسىي بايلىقى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەنە ئۆي-مۈلۈكلىرى بار ئىكەن.
7. Tim Cook
ۋەزىپىسى: ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى
دۆلىتى: ئامېرىكا
يېشى: 54 ياش
ئالما شىركىتىنىڭ نۆۋەتتىكى بازار قىممىتى 645 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، Tim Cook نىڭ رەھبەرلىكىدە، 2015-يىلى ئالما تارىخىدىكى نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان يىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
بۇ يىل كۈزلۈك مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، Tim Cook يەنە iPhone 6S ۋە iPhone 6S Plus نى ئېلان قىلىپ، بىرىنچى ھەپتىسىلا سېتىلىش مىقدارى 13 مىليون دانىگە يېتىپ، تارىخىي رېكورت ياراتقان.
بۇنىڭدىن باشقا، ئالما شىركىتى بۇ يىل 6-ئايدا Apple Music نى ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 10-ئايغىچە، بۇ مۇلازىمەتنىڭ ھەق تاپشۇرىدىغان ئابۇنىتلىرى 6.5 مىليونغا، ھەقسىز سىناق ئىشلىتىدىغان ئابۇنىتلىرى 8.5 مىليونغا يەتكەن.
يېقىندا Tim Cook يەنە ئاپتوموبىل كەسپىدىن بېشارەت بەرگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، كەلگۈسىدە ئالما ئاپتوموبىلى دۇنياغا كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
6. مايۈن
ۋەزىپىسى: ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى، مۇدىرىيەت رەئىسى
دۆلىتى: جۇڭگو
يېشى: 51 ياش
2014-يىلى ئالى بابانىڭ پاي چېكى بازارغا سېلىنىپ، يۈرۈشتۈرۈلگەن مەبلىغى 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئەڭ چوڭ IPO كۆلىمىنى ياراتقان. ھالبۇكى، بۇ يىل ئالى بابانىڭ پاي چېكى باھاسىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ، 11-ئايغىچە %25 تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ۋە بازارنىڭ ساختا مەھسۇلاتلارغا بولغان ئەندىشىسىدىن ئىكەن.
مايۈننىڭ خۇسۇسىي بايلىقى 25.6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.
5. Sergey Brin
ۋەزىپىسى: گۇگۇلنىڭ ئانا شىركىتى Alphabet نىڭ بىرلىشىپ قۇرغۇچىسى، باش دىرېكتورى
دۆلىتى: ئامېرىكا
يېشى: 42 ياش
بۇ يىل 8-ئايدا، گۇگۇل قايتا تەشكىللىنىپ، Alphabet ئانا شىركەت قىلىنىپ، Sergey Brin باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى، Larry Page باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. گۇگۇلنىڭ Nest ۋە Google X قاتارلىق باشقا كەسىپلىرى Alphabet بايرىقى ئاستىدىكى مۇستەقىل كارخانا بولغان. بۇ پەن-تېخنىكا ماگناتىنىڭ ئۆتكەن يىللىق كىرىمى 66 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
Brin بالىلىق دەۋرىدە موسكۋادىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بولۇپ، 1995-يىلى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقاندا Larry Page بىلەن تونۇشقان. ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇلار بىرلىشىپ Google نى قۇرغان. نۆۋەتتە ئىككىسىنىڭ خۇسۇسىي بايلىقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 38 مىليارد دوللار ۋە 42 مىليارد دوللار.
4. Mark Zuckerberg
ۋەزىپىسى: Facebook نىڭ قۇرغۇچىسى، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى
دۆلىتى: ئامېرىكا
يېشى: 31 ياش
بۇ يىل 5-ئايدا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى Facebook نىڭ بايرىقى ئاستىدىكى شىركەت Oculus VR كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىستېمالچىلار بېشىغا تاقاپ يۈرىدىغان ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، كەسىپ ساھەسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن. نەچچە ئايدىن كېيىن، Facebook نىڭ كۈندىلىك ئابونىتى 1 مىلياردقا، كۈندىلىك فىلىم زىيارەت مىقدارى 8 مىلياردقا يېتىپ، 4-ئايدىكىگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بۇ يىل 11-ئايغا قەدەر، بۇ شىركەتنىڭ پاي باھاسى %40 ئېشىپ، زاكېربېرگنىڭ خۇسۇسىي بايلىقى 47.6 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
3. Larry Page
ۋەزىپىسى: Alphabet نىڭ بىرلىشىپ قۇرغۇچىسى، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى
دۆلىتى: ئامېرىكا
يېشى: 42 ياش
ئىلگىرى ئۇ Google نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇپ، Alphabet قۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭى شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغان. Sundar Pichai ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، Google نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغان. Larry Page بىلەن Brin ئىككىسى 1998-يىلى بىرلىكتە Google نى قۇرغان بولۇپ، ئىزدەش كەسپىدىن باشقا، ئائىلە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئاپتوماتىك ماشىنا ھەيدەش، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش قاتارلىق كۆپ ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.
2. Jeff Bezos
ۋەزىپىسى: ئامازوننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى
دۆلىتى: ئامېرىكا
يېشى: 51 ياش
ئامازون ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدىكى ماگنات بولۇپ، شىركەتنىڭ سېتىش كىرىمى 89 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. بۇ يىل 7-ئايدىكى پەسىللىك پايدىسى 9.2 مىليارد دوللار بولۇپ، مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ، ئامازوننىڭ پاي باھاسى ئۆسۈپ كەتكەن. Bezos نىڭ خۇسۇسىي بايلىقى 55 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ.
Bezos نىڭ بايرىقى ئاستىدىكى ئالەم قاتنىشى شىركىتى Blue Origin مۇشۇ ئايدا قويۇپ بېرىلگەن راكېتانى غەلىبىلىك قايتۇرىۋېلىپ، ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلغان. Blue Origin يەنە كەلگۈسىدە ئادەملىك راكېتانى قويۇپ بېرىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.
1. Bill Gates
بىل ۋە مېلىندا گەيتس فوندى (Bill & Melinda Gates Foundation) نىڭ قۇرغۇچىسى
دۆلىتى: ئامېرىكا
يېشى: 60 ياش
بىل گەيتس ۋە ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى دوستى Paul Allen ئىككىسى 1975-يىلى بىرلىكتە مىكروسوفت شىركىتىنى قۇرغان ھەمدە شىركەتنى سىمۋول خاراكتېرلىك يۇمشاق دېتال كارخانىسىغا ئايلاندۇرۇپ، دۇنيادىكى بىرىنچى بايغا ئايلانغان. بىل گەيتسنىڭ خۇسۇسىي بايلىقى 87.3 مىليارد دوللار. گەرچە بىل گەيتس ھازىرمۇ مىكروسوفتنىڭ مۇدىرىيىتىدە بولسىمۇ، شىركەتنىڭ ئىشلىرىغا ناھايىتى ئاز قاتنىشىدۇ.
بىل گەيتس نۆۋەتتە زېھنىنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتىغان بولۇپ، ئايالى مېلىندا بىلەن بىرلىكتە، 2000-يىلى بىل ۋە مېلىندا گەيتس فوندىنى قۇرغان. شۇنىڭدىن تارتىپ، بۇ فوند ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش، بەزگەك ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقاتىغا 34.5 مىليارد دوللار ئىئانە قىلغان. ئۇلار يەنە يېزا-ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پۈتۈن دۇنيادىكى كۇتۇپخانا، شەھەرلەردە نامراتلىقنى تۈگىتىش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرنى قوللاپ كەلگەن.
بىل گەيتس يەنە مىليادىر باففېت بىلەن ‹‹ئىئانە ۋەدىنامىسى›› ئېلان قىلىپ، بايلارنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك بايلىقىنى ئىئانە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان. ھازىرغىچە، 135 ئادەم بۇ ۋەدىنامىگە ئىمزا قويغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved