برازىلىيەلىك ئەر زەھەرلىك پاقا، زەھەرلىك يىلاننى ئېغىزىغا سالدى

     برازىلىيەلىك بۇ ئەر زەھەرلىك پاقا، زەھەرلىك يىلاندىن ياسالغان «ساندىۋىچ»نى ئاغزىغا سالدى.

     دۇئارت زەھەرلىك يىلاننى بىر زەھەرلىك پاقىغا يۆگەشتۈردى

     زەھەرلىك يىلان بىلەن زەھەرلىك پاقا دۇئارتنىڭ ئېغىزىدا بىر پەس مىدىرلىدى.

      ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 13 – دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر «يىلان» دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىسا تېنى شۈركىنىدۇ، بىراق برازىلىيەلىك ئارتېۋال دۇئارت ئىسىملىك بىر ئادەم بىر زەھەرلىك پاقىغا يۆگىشىۋالغان زەھەرلىك يىلاندىن ياسالغان «زەھەرلىك ساندىۋىچ» نى باتۇرلۇق بىلەن ئاغزىغا سالغان.

      سىن لېنتىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزىنى «زەھەرلىك يىلاننىڭ رەقىبى» دەپ ئاتىۋالغان دۇئارت قۇرۇق قول ھالدا، كۆك رەڭلىك بىر زەھەرلىك يىلاننى بىر زەھەرلىك پاقىغا يۆگەشتۈرۈپ، ئاندىن ئۇنى ئېغىزىغا سالغان. زەھەرلىك يىلان بىلەن زەھەرلىك پاقا دۇئارتنىڭ ئېغىزىدا بىر پەس مىدىرلىغاندىن كېيىن، زەھەرلىك يىلان ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئېغىزىدىن سىيرىلىپ چىققان، كېيىن زەھەرلىك پاقىمۇ سەكرەپ چىققان.

ئاسانلا ئىختىلاپ كۆرۈلىدىغان باشقا پروگراممىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، دۇئارتنىڭ بۇ نومۇرىدا، بارلىق ھايۋانلار زىيان زەخمەتكە ئۇچرىمايدىكەن، بۇ ھايۋاناتلارنىڭ ھەممىسى كېيىن تەبىئەتكە قويۇپ بېرىلىدىكەن.

    ئېيتىلىشىچە، دۇئارتنىڭ ئادەمنى چۆچىتىدىغان بۇ نومۇرنى ئورۇنلىشىدىكى مەقسەت ئامازون يامغۇرلۇق ئورمانلىقىنىڭ قالايمىقان كېسىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن. بۇندىن بۇرۇن، دۇئارت غايەت زور زەھەرلىك ئۆمۈچۈك ۋە باشقا زەھەرلىك جانلىقلارنى ئېغىزىغا سېلىپ ماھارەت كۆرسەتكەن ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
14-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
23-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ماي مانىلادىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 22-چېسلا سەھەردە فىلىپپىن پايتەختىنىڭ چوڭ مانىلا رايونىدا ئاياغلاشقان بىر مەيدان مۇزىكا كېچىلىكىدىن بىر شۇم خەۋەر تارقالغان بولۇپ، بەش تاماشىب...
Powered by Leglek