مۇستەھكەم تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى

12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4–يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

دەۋر كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىسە، بۇرچ كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالدى. بۈگۈن پۈتۈن خەلق كۆز تىككەن 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنى ئېچىلدى. ئون نەچچە كۈنلۈك يىغىن مەزگىلىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇن بويىچە ھوقۇقىنى ئادا قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ياخشى تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ‹‹13 – بەش يىل››لىق تەرەققىيات ئۇلۇغ پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىدۇ. يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

تارىخ ھەمىشە جاپا – مۇشەققەتلىك ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا يارىتىلىدۇ. ‹‹12 – بەش يىل›› ئاخىرلىشىدىغان يىلى دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، بولۇپمۇ ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى زورىيىۋاتقان خىرىس ئالدىدا، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

ئۈزلۈكسىز تىرىشقاندىلا بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قانۇن چىقىرىشتا يېڭى قەدەم ئېلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى؛ ئاساسىي قانۇن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ قارار قىلىشقا ھوقۇق بېرىش شەكلى ئارقىلىق ئالاقىدار ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قوللاپ، مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تۈزۈشتە قانۇنغا ئاساسلىنىپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى باشتىن – ئاخىر ئىسلاھات بىلەن ماس قەدەمدە يولغا قويدى؛ نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىشتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى... بۇ بىر قاتار جەريانلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىنى قۇدرەتلىك تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە ئىگە قىلىپ، تەڭداشسىز قانۇن ئىدارە قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

2016 – يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ باشلىنىش يىلى، ‹‹13 – بەش يىل›› باشلىنىدىغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان يىل. ‹‹13 – بەش يىل›› ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، يېڭى نورمال ھالەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلق كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىزگە موھتاج. بۇ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلىدى. يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇقىمىزنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇرساق، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئەمەلىيىتىدە ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ مۇكەممەللىشىدۇ.

دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىشەنچلىك كاپالىتى. يېڭى ۋەزىيەتتە قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تېزدىن مۇكەممەل قانۇن ئۆلچىمى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش ياخشى قانۇن ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى. نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش يېتەكچىلىكىدە، نازارەت قىلىش بىلەن قوللاشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بىر ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە››نىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشى، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى. ۋەكىللەرنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىللەر بىلەن خەلقنىڭ ئالاقىلىشىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ مەڭگۈ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاش، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ھەقىقىي چوڭقۇر ئىگىلەش، ئەلرايىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى كەڭ دائىرىدە مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ تۈپ ئاساسى. يېڭى كۈرەش مۇساپىسىدە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ خەلق خوجايىن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈپ سىياسىي تۈزۈملۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى خەلققە تاپشۇرۇش دەۋر خەلق قۇرۇلتىيىغا يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان تۈپ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن ئىبارەت. تارىخقا نەزەر سالساق، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپلەردىن ئۆتكۈزۈپ دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇش، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ دۆلەت خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش داۋامىدا خەلق قۇرۇلتىيى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە باشتىن – ئاخىر تەڭداشسىز رول ئوينىماقتا. خەلق قۇرۇلتىيى يېڭى دەۋرگە يۈزلىنىپ، تەرەققىيات نەزەرىنى تېخىمۇ يىراققا تىكىپ، كۈرەش قەدىمىنى تېخىمۇ پۇختا ئېلىپ، مۇستەھكەم تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور، يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشمىز!



خەتكۈچلەر:
05-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: bagdax تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
19-03-2016
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ھەر قېتىمقى ئوقۇش پۈتتۈرۈش پەسلىدە، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن «تاشلىۋېتىلگەن» ۋېلىسىپىتلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردە، فۇجيەن پېد...
19-03-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى: شۇ يەر ۋاقتى 16-مارت، ئامېرىكا ئاقساراي ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى چاۋشيەننىڭ ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچى ئوتتو ۋارمبېرنى قولغا ئالغانلىقىنى ئەيىپلىدى ھەمدە چاۋشيەننىڭ دەرھال ئۇنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا ئاقسارا...
19-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 17-مارت تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇگارى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: سۈرىيە دەمەشىق شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان بىرۇتىن شەھىرى...
19-03-2016
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئايال شوپۇرلارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسى تۆۋەن، شۇڭا ئۇلار قاتناش قائىدىسىگە كۆپ خىلاپلىق قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا ھەقىقىي ئەھۋال راستتىنلا شۇنداقمۇ؟ ستاتىستىكىغا ئاساسلان...
19-03-2016
گۇگېل شىركىتى ئالدىنقى مەزگىللەردە يېڭى بىر ئەۋلاد ئاندىرويىد سىستېمىسى Android N نىڭ ئالدىن كۆرۈش نەشىرىنى تارقىتىپ، قىسمەن Nexus يانفونى ئابونتلىرىنىڭ ئالدىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىگە سۇنغان. ئەگەر باشقا ئۆزگىرىش بولمىسا، ئۇنداقتا Android N ...
19-03-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى: شۇ يەر ۋاقتى 16-مارت، پارىژ ساقچىلىرى پارىژنىڭ شىمالىي قىسمىدا تېرورلۇق ھۇجۇمىنى پىلانلاشقا چېتىشلىق تۆت جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى. ئىگىلىنىشىچە، تۇتۇلغان بۇ تۆت ئادەمنىڭ ئۈچى ئەر، بىرسى ئايال بولۇپ، ئاشقۇن تەشك...
19-03-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى: بىرازىلىيە تاراتقۇلىرى شۇ يەر ۋاقتى 16-مارت: بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى دىلما روسسېف، سابىق زۇڭتۇڭ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇستازى لۇلانى ھازىرقى مىنىستىر ۋاگنېرنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ، رەسمىي ئىچكى كابېنت مىنىستىرلىكىگە تەيىن...
19-03-2016
17-مارت، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرىك ئۆمىكىنىڭ «تۆت بىر تۈركۈم» مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇن قويۇش ئەترىتى سانجۇ يېزىسىدا ئويۇن قويدى.     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇرباننىياز قاسىم خەۋىرى، فوتوسى. شىنجاڭ سەنئە...
19-03-2016
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى ، فوتوسى: كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئورۇنلاشتۇرغان، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، ساياھەت ئىدارىسى، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ۋە مەدەنىيەت يۇرتى قاتارلىق ئورۇن...
19-03-2016
ۋۇ چىلوڭ بىلەن ليۇ شىشىنىڭ ئەسر تويى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ھىندونېزىيە بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان مېھمانخانا بولسا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىدىكى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە ئەڭ ماس كېلىدىغان جاي، مېھمانخانا سىرتى كۆز ي...
Powered by Leglek