جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-مارت چۈشتىن كېيىن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن كەلگەن ئەزالارنى يوقلىدى ھەمدە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ پىكىر، تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك بىرلىكتە تەرەققىي قىلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى يولغا قويۇش جۇڭگو كومپارتىيەسى تۈزگەن بىر چوڭ فاڭجېن، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى جەزمەن قەتئىي ئېغىشماستىن مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە ئېغىشماستىن ئىلھام، مەدەت بېرىش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئورنى ۋە رولى ئۆزگەرمىدى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام، مەدەت بېرىدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان فاڭجېن، سىياسەتلىرىمىز ئۆزگەرمىدى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بېرىشكە تىرىشىدىغان فاڭجېن سىياسەتلىرىمىز ئۆزگەرمىدى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.
شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ئۇزاقتىن بۇيان دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدا شەكىللەنگەن، دۆلەت قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان، ئومۇمخەلقنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، ئۇنى جەزمەن ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىشىمىز ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام، مەدەت بېرىش ۋە يېتەكلەش بىلەن زىت ئەمەس، بەلكى ئورگانىك بىردەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك بىر-بىرىنى چەتكە قېقىپ، بىر-بىرىگە توسالغۇ بولماستىن بەلكى بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇپ، بىر-بىرىنى تولۇقلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش نۇقتىئىنەزەرى ئېنىق، ئىزچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشقان، قەتئىي تەۋرىنىپ باقمىغان. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ھەممىسى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، ھەممىسى ئېلىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئاساسى؛ دۆلەت ھەر خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، ھوقۇقتا، پۇرسەتتە، قائىدىدە باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتىدۇ. ئادىللىق يادرولۇق پىرىنسىپ قىلىنغان مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە تەبىئىي ئىگىلەر مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە بىرقاتار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى چىقاردى، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-،4-5-ئومۇمىي يىغىنلىرىدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ بازارغا كىرىشى، باراۋەر تەرەققىي قىلىشىغا ئالاقىدار بىر قاتار زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى چىقىرىلدى، بىز زور بىر تۈركۈم ئالاقىدار سىياسەت تەدبىرلەرنى ئارقا ئارقىدىن چىقىرىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى رىغبەتلەندۈرۈش، قوللاش، يېتەكچىلىك قىلىش سىياسەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردۇق، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ياخشى سىياسەت مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتقا دۇچ كەلدى، جايلار ۋە تارماقلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، سىياسەت تەدبىرلەرنى تەپسىلىلەشتۈرۈپ، مىقدارلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار يۈرۈشلۈك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋىي كارخانىلارنى سىياسەتتىن ھەقىقىي نەپكە ئىگە قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە مۇھىمى تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك، بىرىنچى، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ئىشەنچلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي مۇلازىمەت قىلىش كېرەك، ئىككىنچى، بازار ئىجازىتىنى قويۇپ بېرىش كېرەك، قانۇن بەلگىلىمىدە ئېنىق چەكلەنمىگەن كەسىپ ۋە ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەل ئارىسى دەسمايىسىنىڭ كىرىشىگە ئىلھام بېرىلىشى، ئېلىمىز ھۆكۈمىتى چەتئەل مەبلىغىگە ئېچىۋېتىلگەن ساھەلەرنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت ئىچى ئەل ئارىسى دەسمايىسىگە ئېچىۋېتىش كېرەك، ئۈچىنچى، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ تېزلىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا يۈزلەنگەن ئورتاق تېخنىكا مۇلازىمىتى سەھنىسى بەرپا قىلىشنى قوللاپ، تېخنىكا بازىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى مۈلۈك ھوقۇقى بازىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەل ئارىسى دەسمايىسىنى توپلاپ، ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك، بازار رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بىر تۈركۈم چوڭ كارخانىلار گۇرۇھىنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچەپ يېتەكلەش كېرەك. 5-ئەل ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تەستىقلاش ئىشلىرى ۋە كارخانىلارغا ئالاقىدار ھەق يىغىشنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ ۋە ئىخچاملاپ، ئوتتۇرىدىكى ھالقىلار، ۋاسىتىچى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى ئازايتىش كېرەك؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك ئەربابلىرى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىچىلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىي كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى لازىم.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك ئەربابلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى-ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك ئەربابلىرى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆز ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئوبرازىنى ئىنتايىن قەدىرلىشى ۋە قوغدىشى؛ «قانۇنغا رىئايە قىلىش، سەمىمىي بولۇش، ئىرادىسىنى چىڭىتىش»نى مۇھىم نۇقتا قىلغان غايە-ئېتىقاد تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەننى سۆيۈش، كەسپىنى قەدىرلەش، قانۇنغا رىئايە قىلغان ئاساستا ئىگىلىك باشقۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىدىن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا كىشىلىك ھايات ئىشلىرىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلار شەرەپلىك ئىشلار ۋە جامائەتچىل خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئاتلىنىپ، بېيىغاندا مەنبەنى ئۇنتۇماي، مەجبۇرىيەت بىلەن مەنپەئەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىشى لازىم.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەرنىڭ يېڭىچە مۇناسىۋىتىنى سەمىمىي، پاك دېگەن سۆزلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. رەھبىرى كادىرلارغا نىسبەتەن، سەمىمىيلىك دېگىنىمىز-پۇقراۋى كارخانىلار بىلەن سەمىمىي، ھەقىقىي ئۇچرىشىش ۋە ئالاقە قىلىش، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلار قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، تېخىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئالدىن مۇلازىمەت قىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك ئەربابلىرىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپرەك سىردىشىپ، كۆپرەك يېتەكلەپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. پاكلىق دېگىنىمىز-پۇقراۋى كارخانىچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى پاك، ساپ بولۇش، تاماخورلۇق، شەخسىي غەرىزى بولماسلىق، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماسلىق، ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. پۇقراۋى كارخانىچىلارغا نىسبەتەن، سەمىمىي بولۇش دېگىنىمىز-ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم تارماقلار بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا كۆپرەك ئالاقە باغلاش، ئالماشتۇرۇش، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئېيتىش، سەمىمىي تەكلىپ بېرىش، تولۇق تاشقان قىزغىنلىق بىلەن يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى كۆرسىتىدۇ. پاكلىق دېگىنىمىز-ئۆزىنى پاك تۇتۇپ، دۇرۇس يولدا مېڭىپ، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان كارخانا قۇرۇش، پارلاق، داغدام يولدا ماڭىدىغان ئىگىلىك تىكلەشنى كۆرسىتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved