رۇسىيە « گېزىت خەۋەرلىرى » تورىنىڭ 31- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد كانار مۇنداق دېگەن: نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مەيدۇگرۇ شەھەر ئەتراپى « بوكو ھەرەم » قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، بۇ ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 86 گە يەتتى.
مەيدۇگۇردىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ۋەكىلى ئابا مۇسانىڭ ئېيتىشىچە، 86 ئادەم بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن باشقا يەنە 62 ئاەم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان.
« بوكو ھەرەم » نىگېرىيە، نېگىر، چاد، كامىرون قاتارلىق دۆلەتلەردە جانلانغان رادىكال تەشكىلات بولۇپ، 2015- يىلى مەزكۇر تەشكىلات « شام ئىسلام دۆلىتى » تېررورلۇق تەشكىلاتىغا سادىقلىقىنى بىلدۈرگەنىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، سۈرىيەنىڭ دالې گېئورگى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىدىن دالې گېئورگى دۆلەتلىك دوختۇرخىسىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved