چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەممىباب شىركىتى يېقىندا «Corvette E-Ray» نىڭ ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە E تەبئىيلا Electric ئېلىكتىرلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ، كەلگۈسىدىكى كورۋېتقا ئېلىكتىر ماتور سەپلىنىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ، يەنى ئارىلاش ماتورلۇق، توكقا چاتىدىغان ئارىلاش ماتورلۇق ياكى ساپ ئېلىكتىرلىق نۇسخىنى چىقىرىشى مۇمكىن.
ۋاقتىنچە پەقەت Corvette E-Ray نىڭ ئېلىكتىر ماتورلۇق بولىدىغانلىقىنىلا مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز، كەمىدە ئۈچ خىلنىڭ قايسى بىر نۇسخىسىنى چىقارسۇن يەنىلا ھېچقانداق ئېنىق ئۇچۇر يوق. ئەمما ناۋادا يېقىنقى ئىككى يىلدا چىقىرىپ قالسا، بۇ ئېلىكتىرلىق كورۋېت ئەڭ يېڭى C7 Stingray ئاساسىدا ياسىلىشى مۇمكىن.
بۇندىن ئىلگىرى، بىر ئەۋلاد كورۋېت (C8) نىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى توغرىسىدا بىر قىسىم خەۋەر تارقالغان، ئىگەللىنىشىچە يېڭى ماشىنىنىڭ ئالدى چاقى ئېلىكتىر ماتور ئارقىلىق قوزغىلىدىكەن، ئارقا چاقى بېنزىن ماتور ئارقىلىق قوزغىلىدىكەن، مۇشۇنداق بولغاندا بىر يۈرۈش تۆت چاقى قوزغىلىش سېستىمىسى بار بولىدۇ. ھازىرقى تېخنىكىدىن قارىغاندا، ساپ ئېلىكتىر ماتورلۇق مۇسابىقە ئاپتوموبىلى يەنىلا ئارىلاش ماتورلۇق مۇسابىقە ئاپتوموبىلىغا يەتمەيدۇ، ئۈچ چوڭ ماشىنىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە قارىسىڭىزلا بىلىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئېلىكتىر ماتورنىڭ قوشۇلىشى تۈپتىن ماي تېجەش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەكىسچە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان قۇۋەت تەمىنلەش ئۈچۈن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved