ئاياغ كىيىمنىڭ ئىككى خىل رولى بار. بىرى، پۇتنى ئاسرايدۇ. يەنە بىرى،كىشىگە ھۆسىن بېغىشلاپ، ھۆسنىڭىزگە ھۆسىن قوشىدۇ.
كۆڭۈلدىكىدەك ئاياغ پۇتتىن يېرىم نومۇر چوڭ بولۇشى، ئۇنى كىيگەندە پۇتنىڭ ئالدى-كەينىدە بەش مىللىمېتىردىن ئارتۇقراق بوشلۇق قېلىشى كېرەك.ئاياغنىڭ نومۇرىدىن باشقا يەنە شەكلىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
ئاياغ كىيىمنى ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن كېيىن سېتىۋېلىش كېرەك. چۈنكى، چۈشتىن كېيىن پۇت كەڭرىدۇ. ئەگەر سېتىۋالغان ئاياغ پۇتقا چىڭ كېلىپ قالسا، ئاياغ ئىچىدىكى ھاۋا ئالماشماي پۇتنى قىزىتىۋېتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن پۇتتا ئاسانلا ھەر خىل كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى پەيدا بولىدۇ.
ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى-ئۈچ سانتىمېتىر بولسا ئەڭ مۇۋاپىق. بۇ ئېگىزلىك بولسا ئوشۇق ئۇگىسىنىڭ تەبىئي بۆلىكىگە ماس كەلگەچكە، مېڭىش-تۇرۇشتا يەڭگىل بولۇپ، ئاسانلىقچە ھېرىش ھېس قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، نورمال ئېگىزلىكتىكى ئاياغ قىزلارنىڭ زىلۋالىقىنى گەۋدىلەندۇرۇپ قەددى-قامىتىنى گۇزەللەشتۇرىدۇ.
ئۇچى ئۇچلۇق ئاياغنىڭ ھەممە ئادەمنىڭ پۇتىغا مۇۋاپىق كېلىشى ناتايىن، ئاياغ ئۇچى تار بولسا، پۇت بارماقلىرى قىسىلىپ قېلىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى پۇت بارمىقىنىڭ غەيرى شەكىلدە قاتلىشىپ قېلىشى، ئۇشۇق ئۇگىسىنىڭ تېشىغا چىقىپ قېلىشى، قاداق، پۇت تەمىرەتكىسى، پۇت پۇراش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ئاسانلا كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئاياغ ئەڭ ياخشىسى ئاۋا ئۆتكۇزىدىغان، نەملىكنى سۇمۇرۇشچانلىقى كۇچلۇك، ئىسسىقنى تارقىتىدىغان، پۇراشتىن ساقلىنىدىغان بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
ياش ئۆسمۈرلەر ئۆسۇپ يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە تۇرغاچقا، ئاياغ پۇت پەنجىرىنىڭ كەڭ-تارلىقىغا مۇۋاپىق كېلىشى، پۇتنىڭ ئۆسۇشىنى چەكلەپ قويماسلىقى كېرەك.ئاياغ پاشنىسىنىڭ ئېگىزلىكى مۇۋاپىق بولسا، پۇتنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە ماس كېلىپلا قالماي، تۆگىتاپان بولۇپ قېلىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ.ياش ئۆسمۈرلەر كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، ئاياغ چوقۇم سۈپەتلىك، يۇمشاق، چىداملىق، ئىسسىق ۋە نەملىكنى تارقىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved