Nielsenشىركىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 3-پەسىلدە يانفون مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ بازار ئىگەللەش ئەھۋالى جەھەتتە 1-ئورۇندا تۇرغان ئاندىرويىدنىڭ بازار ئۈلۈشى %52.6 گە يەتكەن، iOS نىڭ بازار ئۈلۈشى %42.7 بولغان، Microsoft نىڭ بازار ئۈلۈشى %2.8 بولغان، ئۇندىن باشقا، قارا بۆلجۈرگەن Blackberry سىستېمىسى %0.7 لىك بازارنى ئىگەللىگەن، ئېشىپ قالغان %1.2 بازارنى باشقا مەشغۇلات سىستېمىلىرى ئىگەللىگەن.
ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغىنى، مىكروسوفت كۆچمە مەشغۇلات سۇپىسىنىڭ بازار ئۈلۈشى %2.8 بولۇپ، %3 گىمۇ يېتەلمىگەن. بىراق، يۇقارقى دوكلات پەقەت بۇ يىل 7-ئايدىن 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئۈچ ئايلىق سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن ئېلان قىلىنغان، شۇڭا Windows 10 Mobile نىڭ بازار ئۈلۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. مۆلچەرلىنىشىچە، Lumia 950 ۋە Lumia 950XL يانفونلىرى مىكروسوفتنىڭ يېڭى بايراقدار دەرىجىلىك مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 4-پەسىلگە بارغاندا Windows كۆچمە مەشغۇلات سۇپىسىنىڭ بازار ئۈلۈشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.
نەچچە كۈن بۇرۇن Digitimes Research شىركىتى 3-پەسىلدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ بازار ئۈلۈشىگە ئائىت ئەڭ يېڭى دوكلاتنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، سامسۇڭ بىلەن ئالما شىركىتى پۈتكۈل ئەقلىيفون بازىرىنىڭ %40 لىك ئۈلۈشىنى ئىگەللىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە سامسۇڭ %25.6 نى، ئالما %14.5 نى ئىگەللىگەن. خۇاۋېي، لىيەنشىياڭ، LG ۋە شىياۋمى قاتارلىقلار بۇنىڭ كەينىدە تۇرغان بولۇپ، بازار ئۈلۈشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %7.4، %4.8، %4.5 ۋە %3.8 بولغان. بۇندىن سىرىت، TCL، vivo ۋە OPPO نىڭ بازار ئۈلۈشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %3.55، %3.3 ۋە %3.2 بولغان.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ھىچكىم ئاندىرويىدنىڭ بازار ئۈلۈشىدىن ھەرگىز غەم يېمەيدىكەن، ئالما شىركىتى 2015-يىلى سېتىش مىقدارىدا يېڭى رېكورد يارىتىپ، بازار ئۈلۈشى 2-ئورۇنغا ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ئايفوننىڭ كىيىنكى بىر پەسىللىك سېتىلىش مىقدارىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved