مانچىستېر شەھىرى كۇلۇبىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن مەنچىنى كوماندىنى يېتەكلەپ تۇنجى قېتىم ئېنگىلاندقا كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇ تۈركىيەنىڭ داڭلىق كۇلۇبى گالاتاساراينى باشلاپ سىتانف كۆۋرۈكىدە ( چېلسىي كۇلۇبىنىڭ مەيدانى) چېلسىي بىلەن ھـايات ماماتلىق مۇسابىقە ئېلىپ بارىدۇ.
مەنچىنى مانچىستېر شەھىرى كۇلۇبىغا مەشقاۋۇل بولغان مەزگىلدە كوماندىنى يېتەكلەپ بىر قېتىم ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.بۇ ھەم مانچېستىر شەھىرى كۇلۇبىنىڭ 44يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئېنگىلاندنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىدە چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشىش ھېسابلىنىدۇ.
مانچىستېر شەھىرى كۇلۇبىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇ تۈركىيەنىڭ داڭلىق كوماندىسى گالاتاساراينى يېتەكلەپ كېلىۋاتىدۇ. دەسلەپكى ئۇچرىشىشتا 1-1 نەتىجە بىلەن چېلسىي كۇلۇبى بىلەن تەڭلەشكەن. مەنچىنى ئېنگىلاندتا بىر مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىپ مۇنداق دېدى:«مەن بۇ مۇسابىقىگە ناھايىتى تەقەززا بولۇۋاتىمەن،ئالدى بىلەن بۇ مۇسابىقە ئېنگىلاندتا ئۆتكۈزىلىدۇ، ئاندىن قالسا بۇ دېگەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشقش مۇسابىقىسى.بىز كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرىدىن چىقالىغىنىمىزنىڭ ئۆزىلا چوڭ ئىش، ھازىر چېلسىي مېھمان مەيداندا توپ كىرگۈزۈش ئارتۇقچىلىقىغا ئىگە.مەن بۇنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا كۆرەيلى، مەن بۇ مۇسابىقىگە بەك تەقەززا، ھەم مۇسابىقىدە ئۇتۇۋېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.»
پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved