شىنخۇا تورى 5- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ياۋروپا ئىتتىپاقى 4- مارت چاۋشيەندىكى 16 شەخىس ۋە 12 ئورۇننى چاۋشيەننى جازالاش قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، بۇ تەدبىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2- مارت ماقۇللىغان چاۋشيەن مەسىلىسى قارارى ئاساسىدا چاۋشيەننى جازالاشنى كۈچەيتىشتىكى يېڭى قارارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: يېڭىدىن قوشۇلغان جازلاش قارا تىزىملىكى 5- مارت ئېلان قىلىنىدۇ. نۆۋەتتىكى بارلىق جازالاش تەدبىرلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاۋشيەنگە مۇناسىۋەتلىك قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇ جازالاش تەدبىرلىرى چاۋشيەننىڭ يادرو قورالى، زور كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار ۋە باشقۇرۇلدىغان بومبا پىلانىغا قارىتىلغان. كونكرېت تەدبىرلەر چاۋشيەننىڭ يۇقىرىدىكى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان قورال، ماددى ئەشيا ۋە تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈشىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل مۇئامىلە، سودا ۋە قاتناش ساھەسىگە قارىتىلغان بىر قىسىم جازالاش تەدبىرلىرىمۇ بار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved