چىلى ھۆكۈمىتى 20-فېۋرال چىلى ئۆز دۆلىتى ۋە باشقا دۆلەت زېمىنىدا باشقا دۆلەتلەرگە قارىتىلغان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويمايدۇ دېدى. چىلى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىر باياناتىدا، چىلى پېرۇ بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بۇ نىشان ئۈچۈن تېرىشتى، چىلى يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەم بىر گەۋدىلىشىشنى يەنىمۇ تېزلىتىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ دېيىلدى.
يېقىندا پېرۇ زۇڭتۇڭى ھۇمالا ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى چاقىرىپ، پېرۇ دېڭىز ئارمىيەسى ئوفىتسېرىنىڭ چىلىغا ئاخبارات سېتىپ بېرىش بىلەن گۇمان قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى جاسۇسلۇق ۋەقەسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جاسۇسلۇق ۋەقەسى ئىسپاتلانغان ھامان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن ئېغىر پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ ۋەقەنى بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلمايمىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved