شىنخۇا تورىنىڭ 28-چېسلا رىيادتىن بەرگەن تېلېگراممىسى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت-سەئۇدى ئەرەبىستان 28-چېسلا ماي باھاسىنىڭ داۋاملىق چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبلىك 2015-يىللىق دۆلەت مالىيە قىزىل رەقىمىنىڭ 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادىدا تارىختىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم مالىيە قىزىل رەقىمى كۆرۈلۈشى بولۇپ، كۆلىمى ھازىرغا قەدەر ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان. سەئۇدى ئەرەبىستان مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يىللىق ئىقتىساد دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مالىيە كىرىمى 608 مىليارد رىيال (تەخمىنەن 162 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) بولغان. مالىيە چىقىمى بولسا 974 مىليارد رىيال (تەخمىنەن 260 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) بولغان. خەلقئارا ماي باھاسى توختىماي چۈشكەنلىكتىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ يىلقى كىرىمى يىل بېشىدىكى مۆلچەردىن %15 ئازىيىپ كەتكەن. شۇنداقلا بۇلتۇرقىدىن %42 ئازايغان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ يىلقى كىرىمدە نېفىت سېتىپ تاپقان كىرىم %72 نى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى %87 تىن خىلى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان يەنە كېلەر يىللىق مالىيە خام چوتىنى ئېلان قىلدى. خام چوتقا ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان كېلەر يىلى 513 مىليارد رىيال كىرىم قىلىشنى، 840 مىليارد رىيال چىقىم تارتىشنى مۆلچەرلىگەن، مالىيە قىزىل رەقىمى 87 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن.
كىرىمنى ئاشۇرۇپ مالىيە بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستان 29-چېسلادىن باشلاپ سۇ، توك ۋە يېقىلغۇ ماي باھاسىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۆستۈرۈلگەندىن كىيىنكى 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 9. 0 رىيال، يەنى 24. 0 ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان بۇنىڭدىن بۇرۇن خەلقئارا ماي باھاسى يۇقىرى مەزگىللەردە غايەت تاشقى پېرېۋوت زاپىسى جۇغلىۋالغان. 2015-يىلى مالىيە قىزىل رەقىمىنى يوقىتىش ئۈچۈن تاشقى پېرېۋوتتىن 88 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي سوممىسى 640 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان غايەت زور تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئالدىدا بۇ ھېچقانچە چىقىم ھېسابلانمايدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved