ھالقىلىق سۆز خاسلىق
سوتسىيالىستىك مەسلىھەتلىشىش دېموكراتىيە ئەۋزەللىكىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردۇق ۋە يۈكسەلدۈردۇق
يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېت ج ك پ 18 – قۇرۇلتىيى، 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 – ، 4 – ، 5 – يىغىنىنىڭ ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ۋە ئۇزاققىچە ئۆگىنىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش جەھەتتە تىرىشىپ كۈچ سەرپ قىلدى. سىياسىي كېڭەش دائىمىي ئەزالىرى يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېما بويىچە ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلىشىش، يېشىل بولۇش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدىكى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.‹‹سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش›› بويىچە دائىمىي ئەزالار ھاكىمىيەت ئىشلىرى مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى چاقىرىپ، ئىدىيەۋى، سىياسىي ئورتاق تونۇش ۋە قىممەت ئېڭى ئورتاق تونۇشىنى كۈچەپ مۇجەسسەملىدى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش بويىچە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتىنىڭ تىنچلىق تىلاۋىتى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى قوللاپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇلۇغ ئۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇردى. سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش تەلىپى بويىچە، 22 قېتىم دائىمىي كومىتېت كوللېكتىپ ئۆگىنىش – لېكسىيە سۆزلەش، بېيجىڭدىكى ئەزالار ئۆگىنىش – دوكلات بېرىش يىغىنى، سىياسىي كېڭەش كادىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، بۇنىڭغا 9100 دىن ئارتۇق ئادەم/قېتىم قاتناشتى.
ھالقىلىق سۆز ئۆگىنىش
ئورتاق ئىدىيە، سىياسىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدۇق
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈجېڭشېڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىغا دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان دائىمىي كومىتېت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك مەسلىھەتلىك دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلدى. بۇلار ئاساسەن تۆت جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.
بىرىنچىدىن، سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشنى ئىگىلەپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئاڭلىق ھالدا ئاساسىي قانۇن، قانۇن ۋە سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت بېرىش ئاپپاراتى، خەلق دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم شەكلى بولۇش خاراكتېرىنى توغرا ئىگىلەپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشتىكى مۇھىم سۇپىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇردى.
ئىككىنچىدىن، كېڭىشىش ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. كۆزدىن كەچۈرۈش – تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كېڭىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى، كېڭىشىش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، قارالمىلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلدى؛ ئومۇمىي يىغىن، بەش قېتىم دائىمىي ئەزالار يىغىنى، ئىككى قېتىم مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى، 20 قېتىم ئىككى ھەپتىدە بىر كېڭىشىش – سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، تۈرلۈك كېڭىشىش شەكلىنى ھەمتۈرتكە بولۇپ ماسلىشىپ، ئەھۋال تونۇشتۇرۇش، يىغىندا سۆز قىلىش، ھەمتۈرتكە بولۇش – ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، كەڭ ساھەلىك، كۆپ قاتلاملىق، نورمال ھالەتلەشكەن كېڭىشىش – ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ شەكىللەندۈردى.
ئۈچىنچىدىن، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىك فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتتى. نازارەتچىلىك پىلانلىق، تېمىلىق، ۋاسىتىلىك، ئۈنۈملۈك بولۇش تەلىپى بويىچە زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا قارىتا، مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، تەڭرى قۇملۇقىنىڭ بۇلغىنىشنى تۈزەش، كىچىك ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىقى قۇرۇلۇشى، تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق 12 تۈرلۈك نازارەتچانلىقى كۈچلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش – ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش، نازارەتچىلىكنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئەھۋالنى توغرا ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ، ئەستايىدىللىق – مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەنقىدىي، تەۋسىيە خاراكتېرلىك پىكىر، تەكلىپلەرنى بېرىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشىلاش ۋە سىياسەتلەرنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولدى.
تۆتىنچىدىن، تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ، خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. ئەزالار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمىتى، تەكلىپ بېجىرىشتە كېڭىشىش، ئەزالار تەكشۈرۈش – كۆزدىن كەچۈرۈش، مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە جەمئىيەت ئەھۋالى – ئەلرايى ئۇچۇرى قاتارلىقلارغا ئون تۈرلۈك تۈزۈمنى تۈزۈپ ۋە تۈزىتىپ، سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى يادرو قىلىنغان، يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش، دائىملىق خىزمەت، ئۆز قۇرۇلۇشىغا ئائىت تۈزۈم سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.
ھالقىلىق سۆز ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش
13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان ئۈچۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدۇق
يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېت 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشنى زىچ چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە ئەقىل كۆرسىتىشنى ئومۇملۇق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، داۋاملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئەقىل كۆرسەتتى. 4 – ئايدىن باشلاپ ئۈچ ئاي ۋاقىتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇدا 56 قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈش – تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كېڭىشىش – ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي گەۋدىلىك فۇنكسىيەلىك رايون قۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش – ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، غەربىي رايونلارنىڭ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش جېڭىگە تۈرتكە بولۇش، غەربىي شىمال رايونلاردا سۇچىلىقنى تۈزەش، شەرقىي شىمال قارا تۇپرىقىنى قوغداش، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى مىللىي رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا سۇلۇق يەرنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلدى. ‹‹13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تۈزۈشنى چۆرىدەپ ئەقىل كۆرسىتىش›› بويىچە دائىمىي ئەزالار ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش مەخسۇس يىغىنى ئېچىپ، مەخسۇس تېمىلىق دوكلات شەكىللەندۈرۈپ، مەركەزنىڭ تەدبىر بەلگىلەشتە پايدىلىنىشىغا سۇندى. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئەزالارنى 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تۈزۈشنى چۆرىدەپ، كۆزدىن كەچۈرۈش – تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكلىپ بېرىش، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايى ئۇچۇرى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى داۋاملىق مۇھاكىمە قىلىش – ئەقىل كۆرسىتىشكە تەشكىللىدى. ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ماكرو ئىگىلىك ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي مۇنبىرى ۋە نوپۇس، بايلىق، مۇھىت ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەرىكەتچان، ئۇنىۋېرسال تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ۋاقتىدا ئەقىل كۆرسەتتى.
ھالقىلىق سۆز مەسلىھەتلىشىش
ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش زور تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق
يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېت مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنىنىڭ دەل جايىدا بولۇش، مەخسۇس تېمىسى گەۋدىلىك بولۇش، ۋاقتى زىچ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى قاتارلىق تېمىلاردا مەخسۇس كېڭىشىپ، يىغىندىن ئىلگىرى چوڭقۇر كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يىغىندا پائال ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يىغىندىن كېيىن پىكىر – تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا يوللاپ، ھەم باغلىنىشچان ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولىدىغان تەكلىپلەرنى ھەم ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئامما ئىنتىزار بولۇۋاتقان، جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان پۇل مۇئامىلە، مالىيە، باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، شەھەر باشقۇرۇشتىكى قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قۇرۇلۇشنى ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، تالاش – تارتىشسىز مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش، يېزىلاردىكى يەر ھوقۇقىنى بېكىتىپ تىزىملاش قاتارلىقلار بويىچە كۆزدىن كەچۈرۈش – تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دېموكراتىك نازارەت قىلىش نۇقتىسىدىن تۈرتكە بولۇشقا ئەھمىيەت بەردى. مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنى، دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى، پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، داۋالاش ماجىرالىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى قاتارلىق قانۇن – نىزام لايىھەلىرىگە پىكىر بېرىپ، يول قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش، باجغا چېتىشلىق كەسپىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئائىت قانۇن چىقىرىش قاتارلىقلار بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ كېڭىشىپ، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئىجرا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
ھالقىلىق سۆز خەلق تۇرمۇشى
خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردۇق
يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېت رايون خاراكتېرلىك نامراتلىقتىن بىراق قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىگە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، نىڭشيا، گۇيجۇ ۋە چىنبا تاغلىق رايونى قاتارلىق مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كېڭىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇردى. مائارىپ، داۋالاش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، كۆزدىن كەچۈرۈش – تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئالىي مەكتەپلەرنى ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىش، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، دۆلەت تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشى، ئالاھىدە مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، تەقلىدىي دورا سۈپىتى، جۇڭگو تېبابىتى – دورىگەرلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىكى، يېزا مۇھىت بۇلغىنىشىنى تۈزەش، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىقلارغا قارىتا ئەقىل كۆرسەتتى. خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن گۈللەنمە تاراتقۇلارنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئەزالار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، ئىنقىلابىي كونا رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ماددىي ئەشيالارنى ئىئانە قىلىش، ئىلمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ھال سوراش ئويۇنى قويۇش، خالىس كېسەل كۆرۈش، بىرلەشمە دىياگنوز قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىغا ھەقىقىي مېھرىبانلىق – غەمغورلۇق يەتكۈزدى. جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىغا ئائىت 797 سان نەشر بۇيۇمى چىقاردى، ئەزالار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرىدىن كەلگەن 88 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق خەت ۋە 255 تۈركۈم /قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئاممىنىڭ دەۋا – تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىنكاس قىلدى.
ھالقىلىق سۆز خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش
خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتتۇق
يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېت ئەزالارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مۇنبىرى بەرپا قىلىش، ئۆگىنىش – لېكسىيە سۆزلەشنى دائىمىي ئەزالار يىغىنى قارالمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۆگىنىش بىلەن خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈردى. ئەزالارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشى، كېڭىشىدىغان نۇقتىلىق قارالمىلار قاتارلىق مەسىلىلەردە بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەزالار خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۇپىسىنى كېڭەيتتى. كۆزدىن كەچۈرۈش – تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى، يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەر ۋە پەن تەتقىقات يۇرت ئورۇن) ىرى قاتارلىقلارنىڭ بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كوللېكتىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن گۇرۇپپا بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پاراللېل قانات يايدۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتنىشىش قېتىمىنى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. يىغىن پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، سىياسىي كېڭەش ئومۇمىي يىغىنى يىغىن ئىستىلى ۋە يىغىن ئىنتىزامىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، يىغىندا سۆز قىلىدىغانلارنى تاللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال دوكلات قىلىش بىلەن مەخسۇس تېمىدا دوكلات قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دائىمىي ئەزالار يىغىنى قاتارلىقلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى. تەكلىپ بېرىش ۋە تەكلىپ تۇرغۇزۇش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، سۈپەتنى گەۋدىلەندۈردى، تەكلىپ بېجىرىشتە كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، 5003 تەكلىپنى بېجىردى، بېجىرىپ جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتى%99.5 بولدى. سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىدا شۆبە پارتگۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تېمىلىق تەلىم – تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئورگاننىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved