11 بالا بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى ئالىدىغان ئانا

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 27–ئاپرېل خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەنگلىيەلىك ئايال چېرىل پرۇدخام بىر جۇپ قوشماققا قورساق كۆتۈرگەندىن كېيىن تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇۋېتىشنى، خىزمەتكە يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىشنى قارار قىلغان.

ھازىر، بۇ ئانىنىڭ توققۇز بالىسى بار بولۇپ، يىلىغا ھۆكۈمەت بەرگەن ياردەم پۇلىلا 38 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 398 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) غا يېتىدىكەن.

كېنت دېگەن يەردە تۇرۇدىغان 32 ياشلىق چېرىل ۋە ئۇنىڭ 29 ياشلىق ئېرى روب ئاللىقاچان توققۇز بالىغا ئاتا-ئانا بولغان. ھازىر، ئۇلار يىلىغا ئالىدىغان ياردەم تولۇقلىما پۇلى 38 مىڭ فوندستېرلىڭغا يېتىدۇ. ئەمدى بۇ قوشماقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇلار يىلىغا ئالىدىغان تولۇقلىما پۇل 40 مىڭ فوندستېرلىڭغا بارىدۇ. 2000 – يىلى، 17 ياشلىق چېرىل تۇنجى بالىسىنى تۇغقان ئېدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ ئالدىنقى يىگىتى بىلەن ئىككى بالا تۇغدى. كېيىن، ئۇ يەنە ئۈچ قېتىم تاسادىپىي ھامىلىدار بولۇپ قالدى. 2009 – يىل ئۇ ھازىرقى ئېرىنى ئۇچراتتى ھەمدە ئۇنىڭغا ئۈچ بالا تۇغۇپ بەردى. چېلىرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى ياقتۇرمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق دورىلار ئۇنىڭغا كار قىلمايدىكەن، شۇڭا ئۇ كۆپ قېتىم تاسادىپىي ھامىلىدار بولۇپ قالغان.


چېلىر ئۆزىنىڭ شۇنچە كۆپ بالىلىق بولغانلىقى ۋە شۇنچە كۆپ سوممىلىق ياردەم پۇلى ئالىدىغانلىقىدىن قىلچىمۇ خىجىللىق ھېس قىلمىغان. ئۇ مۇنداق دېدى، «1 – دىن، مەن كۈندە دېگۈدەك ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلىمەن. 2 – دىن، مەن بۇ بالىلارنى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇۋېتىمەن. مەن بىر جۇپ قوشماققا قورساق كۆتۈرگىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن ، بۇنىڭ باشقىلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. مېنىڭ ئۆز تۇرمۇش يولۇمنى تاللاش ھوقۇقۇم بار. مەن باشقىلارنىڭ قانداق قارىشىغا پىسەنت قىلمايمەن.

11 بالا يېتەرلىك، مەن تېخىمۇ كۆپرەك ۋاقىتنى خىزمەتكە قارىتىشنى ئويلايمەن». تېخىمۇ چوڭراق ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش ئۈچۈن بۇ ئەر خوتۇنلار قوشۇمچە خىزمەتلەرنىمۇ قىلىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ھەپتىسىگە 20 سائەت ئىشلەيدىكەن.

 

 



خەتكۈچلەر:
30-04-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇر رادىيو تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
    گۇگىل نۆۋەتتە «Area 120» دەپ بىر بۆلۈم قۇرغان بولۇپ، ئىچكى قىسمىدا خىزمەتچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىشلىتىدىكەن، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى Don Harrison ۋە Bradley Horowitz بۇ بۆلۈمنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلى ئىك...
30-04-2016
    « يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى » 4-ئاينىڭ 27-كۈنى تەيۋەن «بىرلەشمە ئاخبارات تورى» خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند خەلقىنىڭ قەنت قوبۇل قىلىش مىقدارى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، سېمىزلىك يۈرەك قان تومۇر ...
30-04-2016
     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تايلاند شاھزادىسى دىپاڭكورن (Dipangkorn Rasmijoti) نىڭ 11 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، شۇ كۈنى ۋەلىئە...
30-04-2016
ئىككى يۈەنلىك قەغەز پۇل ۋېنېسۇئېلالىقلارنىڭ قولىدا يېمەكلىك ئورايدىغان بىر پارچە قەغەزگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى خادىملارنى ھەپتىدە ئىككى كۈن ئىشل...
30-04-2016
4-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئاپرېل تېلېگراممىسى : دىپلوماتىيە مىنىستى...
30-04-2016
    شىنخۇا ئاگېنىتلىقى لوس ئانجېلېس 29-ئاپرېل تېلگىراممىسى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەلباش نامزاتى دونالىد ترامپ 28-ئاپرېل كالفورنىيە شىتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى ئورەيىنىج ناھىيىسىدە سايلام رىقابىتى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ي...
30-04-2016
    «يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ئاممىۋى دىپلوماتىيە جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ھەمكارلىقى كاتىبات باشقارمىسى2016-يىلى 4...
30-04-2016
شىنخۇا تورى تېز خەۋىرى : چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراق پايتەختى باغداد ئەتراپىدا 30-ئاپرېل ماشىنا بومبا پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 14 ئادەم قازا قىلىپ، 25 ئادەم يارىلانغان. خەۋەر قىلىنىشى...
30-04-2016
    كورىيە مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە پرېزىدېنتى پاك گىيۇنھى 29- ئاپرېل چوڭۋادى شەھىرىدە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكىنىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسى قوماندانى كورتىش. سىكارپارورتىغا ۋەتەنپە...
30-04-2016
    ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 29-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ دېيىشىچە، جۇڭگو ئامېرىكا ستېننىس ناملىق ئاۋىئاماتكا جەڭ توپىنىڭ شىياڭگاڭنى زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلغان. ستېننس ناملىق ئاۋىئاماتكا جەڭ توپى يېقى...
Powered by Leglek