شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەم بېرىش قىسمى 8-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر لاگېرى 7-ئاۋغۇست كەچتە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەسكىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز ئادەم قازا قىلدى، ئىككى قوراللىق ئۇنسۇر ئېتىشىشتا ئۆلدى. ئافغانىستاندىكى تالىبانلار بۇ ئىككى قېتىمقى ھۇجۇمنى سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسمى 2014-يىلىنىڭ ئاخىرى ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئاياغلاشتۇرغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا 13مىڭغا يېقىن ھەربىي خادىم داۋاملىق تۇرۇپ ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمىنى مەشىقلەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved