شى جىنپىڭ : زوراۋان تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرايلى

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

شىنجاڭ كۈندىلىك گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ‹زوراۋان تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرايلى› ناملىق ماقالە ئېلىن قىلىندى .

 

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى :

 

4-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 17:10 ئۆتكەندە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى يولۇچىلار چىقىش ئىشىكىدە ،زوراۋانلىق ،تېررورلۇق خاراكتېردىكى پارتىلىتىش دېلوسى يۈز بەردى . ئۈچ ئادەم ئۆلدى ،بۇنىڭ ئىچىدە بىر نەپەر بىگۇناھ ئامما بار ، ئىككى جىنايەتچى نەق مەيداندا پارتلاشتا ئۆلدى .79 ئادەم يارىلاندى . باش شۇ جى شى جىنپىڭ شۇ ھامان مۇھىم يول يورۇق بېرىپ ،كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ ،زوراۋان تېرورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇشنى تەلەپ قىلدى . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تېزىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ،كەسكىن بىر تەرەپ قىلىپ دېلونى 24 سائەت ئىچىدە پاش قىلدى . زوراۋان تېررورچىلار پەيدا قىلغان قانلىق دېلو بىزگە شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى ئۇزاق مۇدەتلىكلىكى ،مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكىنى ھەتتا ئىنتايىن جىدىي ئىكەنلىكىنى ،چوقۇم تونۇپ يېتىپ ،مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي ئېڭىمىز ،مەسئۇلىيەت ئېڭىمىز ۋە خەۋپ خەتەر ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ ،ھەر ۋاقىت سەگەك بۇلۇپ ،مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ ،كەسكىن پوزىتسىيە قاتتىق تەدبىر بىلەن زوراۋان تېرورچىلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن زەربە بېرىپ قەتئىي يوقىتىشىمز كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى .
ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ ،خەلق تۇرمۇشى كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىۋاتىدۇ .شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى تارىخى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ،گۈللەنگەن باي ئىناق ،ۋە مۇقىم گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتىدۇ . زوراۋان تېرورچىلارنىڭ قەبىھ ۋە رەزىللىكى ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشقان تەڭرىتاغ پەرزەنتلىرىنى قورقۇتالمايدۇ . پەقەت بىزنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ .,ئىناقلىق ۋە تىنچلىقنى قوغداش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ .مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغانلار مۇنداق دېدى :
؟ئاپتونوم رايونىمىز ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق ،تېررورلۇق دېلوسىنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلىپ ،24 سائەت ئىچىدە دېلونى پاش قىلىپ چىقتى .ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى زوراۋان تېرورچىلارنىڭ قەبىھ قىلمىشى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى قوغداش ئىشەنچىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ . شىنجاڭ چوقۇم داۋاملىق ئىتتىپاق ،ئىناق گۈللەنگەن يۈزلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ . شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ دېيىشتى . ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ناھايىتى تېز بولدى ھەم تېز ئۈنۈم كۆرۈلدى .بۇ مۇتتەھەملەرنىڭ يامان غەرىزى بار ،ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىۋېتىش ،شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدۇ .ئۇلارنىڭ غەرىزى ھەرگىزمۇ ئىشقا ئاشمايدۇ ،بىز ئىتتىپاقلىشىپ تېرورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ ،ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ياخشى تۇرۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويمايمىز ›.‹ زوراۋان تېررورچىلار خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ، بىز ئىتىپاقلاشقىلى بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ،جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىشىمىز كېرەك ›‹ ئاقكۆڭۈل ئىشچان شىنجاڭ خەلقىنى ئەتراپىمىزغا زىچ ئىتىپاقلاشتۇرۇپ ،ئۇلار بىلەن تەرەققىيات مۇقىملىق ھەققىدە ئورتاق ئىزدىنىپ ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك ،ھەممىمىز بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىتىپاقلاشساق شىنجاڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققى قىلىپ تېخىمۇ مۇقىم بولۇپ ،تېخىمۇ گۈللىنىدۇ ›.

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK

 



خەتكۈچلەر:
04-05-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek