دۇنيادىكى ئون چوڭ يانفون كارخانىسىنىڭ يەتتىسىنى جۇڭگو تارتىۋالدى

      باشقا دۆلەتلەردىمۇ يانفون كارخانىلىرى بار. ئەمما، راست گەپنى ئېيتقاندا، يانفون كارخانىلىرىنىڭ سانى ئەك كۆپ بولغىنى يەنىلا جۇڭگو. نەچچە يىل بۇرۇن، جۇڭگودىكى يانفون كارخانىلىرى تېخى چەتئەل ماركىلىرىنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا باش كۆتۈرەلمەي قالغان. ھالبۇكى، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە، جۇڭگو يانفون كارخانىلىرى پەيدىنپەي زورايدى. ھازىر چەتئەل تاراتقۇلىرىدا دائىم دېگۈدەك جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يانفونى تونۇشتۇرۇلىدىغان ھالەت شەكىللەندى. بەزىدە تېخى باشبەت خەۋىرىدە تونۇشتۇرۇلىدۇ.

      بۈگۈن 2015-يىللىق دۇنيادىكى يانفون كارخانىلىرىنىڭ رەت-تەرتىپى ئېلان قىلىندى. ئون چوڭ كارخانا ئىچىدە جۇڭگو كارخانىسى يەتتە ئورۇننى ئىگەللىگەن بولۇپ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ خۇشال بولۇشقا ئەرزىگۈدەك ئىش. ھەممەيلەن دۆلەت ئىچىدىكى يانفون كارخانىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىزگە يەنىمۇ ئېسىل يانفونلارنى سۇنۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

   تەيۋەندىكى بازار تەكشۈرۈش شىركىتى TrendForce ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى يەر شارى بازىرىدىكى ئەقلىيفونلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى 1.292 مىلياردقا يېتىپ، 2014-يىلىدىكىدىن %10.3 ئاشقان.

   ئەقلىيفون بازىرى نەچچە يىللىق تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ھازىر ئاستا-ئاستا تويۇنۇش ھالىتىگە قەدەم قويغان بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتىدە ئاللىقاچان ئاستىلاش كۆرۈلۈشكە باشلىغان. جۇڭگو بازىرىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇلتۇر 12-ئايدا، ئامېرىكىدىكى IDC ناملىق بازار تەكشۈرۈش شىركىتى 2016-يىلى يەر شارى مىقياسىدىكى يانفونلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بىر خانىلىق سانغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىگەن. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، نەتىجە ئانالىزچىلارنىڭ مۆلچەرىدىن ياخشى چىققان.

   بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، TrendForce نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودىكى يانفون كارخانىلىرى بۇلتۇر ئىنتايىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئومۇمىي مال چىقىرىش مىقدارى 539 مىليون دانىگە يەتكەن. خۇاۋېي ليەنشياڭنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دۇنيا بويىچە 3-چوڭ ئەقلىيفون كارخانىسىغا ئايلانغان، پەقەت سامسۇڭ بىلەن ئالما شىركىتىنىڭ كەينىدە تۇرغان.

   دۇنيادىكى ئون چوڭ ئەقلىيفون كارخانىسىنىڭ يەتتىسى جۇڭگودىن كەلگەن. جۇڭگودىكى ماركىلىق يانفونلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى 539 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، سامسۇڭ بىلەن ئالما شىركىتىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارىنىڭ يىغىندىسى 547 مىليوندىن ئانچە كۆپ پەرقلەنمىگەن. ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلى جۇڭگو يانفونلىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى سامسۇڭ ۋە ئالما شىركىتىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ چۈشۈپ، يەر شارى بازىرىنىڭ %45 نى ئىگەللەيدىكەن.

   ئون چوڭ يانفون كارخانىسىنىڭ يەتتىسى جۇڭگودىن كەلگەن دېگەنلىك، بازاردىكى ئىككى خىل يانفوننىڭ بىرسى چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ يانفون ماركىسى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. جۇڭگو يانفون كارخانىلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشى خەلقئارالىق يانفون ماركىلىرىغا زور بېسىم پەيدا قىلغان.

   رەت-تەرتىپتە، سامسۇڭ بىلەن ئالما شىركىتىدىن باشقا، بىردىنبىر چەتئەل كارخانىسى كورىيەدىكى LG بولغان. V10 يانفونى زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، LG يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى %7.9 ئاشقان. بىراق، LG نىڭ ئەقلىيفون بازىرىدىكى ئۈلۈشى 2014-يىلىدىكى %5.4 دىن %5.3 گە تۆۋەنلىگەن.

   يانفون بازىرىنىڭ تويۇنۇشىغا ئەگىشىپ، يانفون بازىرىنىڭ خوجايىنى سامسۇڭنىڭ مال چىقىرىش مىقدارىمۇ تەسىرگە ئۇچراشقا باشلىغان. سامسۇڭنىڭ بۇلتۇرقى مال چىقىرىش مىقدارى %1.8 تۆۋەنلەپ، بازار ئۈلۈشى %25 دىن تۆۋەنلەپ كەتكەن. ھالبۇكى، سامسۇڭنىڭ 2014-يىلىدىكى بازار ئۈلۈشى %28 كە يەتكەن. ئادەمنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالغىنى، كەسپىي ئانالىزچىلار سامسۇڭ شىركىتىنىڭ يانفون بازىرىدىكى ئۈلۈشى بۇ يىل يەنە %2.6 تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىگەن. بىراق، سامسۇڭ ھېلىھەم دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ ئەقلىيفون كارخانىسى بولۇپ، 2015-يىللىق مال چىقىرىش مىقدارى 320 مىليونغا يەتكەن. ئالما شىركىتىنىڭ 2015-يىلىدىكى بازار ئۈلۈشى %17.5 گە يەتكەن، مال چىقىرىش مىقدارى 227 مىليون بولغان.

   لىيەنشىياڭ يانفونلىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن، يەنى 2014-يىلىدىكى 92 مىليوندىن 2015-يىلىغا كەلگەندە 70 مىليونغا چۈشۈپ قالغان، تۆۋەنلەش نىسبىتى %24 بولغان. بازار ئۈلۈشى ئەسلىدىكى %7.9 دىن %5.4 كە چۈشكەن. شىياۋمى 2015-يىلى جەمئىي 72 مىليون دانە يانفون سېتىپ چىقارغان بولۇپ، مال چىقىرىش مىقدارى 2014-يىلىدىكىدىن %17.8 ئاشقان. ئەمما خۇاۋېينىڭ كەينىدە تۇرغان.

   خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بۇلتۇرقى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولغان، تۇنجى قېتىم 100 مىليونلۇق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن، ئومۇمىي مال چىقىرىش مىقدارى 108 مىليونغا يېتىپ، 2014-يىلىدىكىدىن %49 ئېشىپ كەتكەن.

   دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، سونىي شىركىتى دۇنيادىكى ئون چوڭ ئەقلىيفون كارخانىسى ئىچىگە كىرەلمىگەن. بۇ شىركەتنىڭ 2014-يىلىدىكى بازار ئۈلۈشى %3.9 بولۇپ، دۇنيا بويىچە 8-ئورۇندا تۇرغان. ئىستېمالچىلار سونىي شىركىتىنىڭ Z6 يانفونىغا تايىنىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما جۇڭگودىكى يانفون كارخانىلىرىنىڭ پەيلى ئىنتايىن يامان، شۇڭا سونىي بۇ شىركەتلەر بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۈزۈپ چىقالامدۇ-يوق، بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.



خەتكۈچلەر:
18-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     «خېلسىنكى خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوستون مەسلىھەتچىلىك گوروھىنىڭ يېقىندىكى مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، ئېلىكترونلىشىش ۋە ماشىنا ئادەم فىنلاندىيە...
27-05-2016
بېتا تورىنىڭ 27-مايدىكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     قىسقا ئۇچۇر بىر مەھەل جۇڭگودا ئەڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن خەۋەرلىشىش ئۇسۇلى بولدى، ئەمما كۆچمە ئىنتېرنېت تورىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈندىدار...
Powered by Leglek