كىلىنتوننىڭ بالىلىقتىكى تۇرالغۇسىغا قەستەن ئوت قويۇۋېتىلگەنكەن

     كىلىنتوننىڭ بالىلىقتىكى تۇرالغۇسىغا روژدېستۋو بايرىمىدا ئوت قويۇۋېتىلدى، ساقچىلار قەستەن ئوت قويۇۋەتتى دەپ قىياس قىلدى


     «ئوربىتا تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگرامما گېزىتى»نىڭ 26-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق ئەلباشى بېل كىلىنتوننىڭ بالىلىقتىكى تۇرالغۇسىغا روژدېستۋو بايرىمى كۈنى سەھەردە ئوت قويۇۋېتىلگەن. شۇ جايدىكى ساقچىلارنىڭ گۇمان قىلىشىچە، نامەلۇم كىشى قەستەن ئوت قويۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىنكەن.

     ئىگىلىنىشىچە، كىلىنتوننىڭ بالىلىقتىكى تۇرالغۇسى ئاركىنزاس ئىشتاتىدىكى كىچىك بازار ھوپتا بولۇپ، ھازىر مۇزېيغا قىلىنغان، كىلىنتون تۆت ياشقا كىرگۈچە شۇ يەردە تۇرغان. شۇ جاي ۋاقتى 25-دېكابىر سەھەردە، بۇ يەردىن ماشىنىلىق كېتىۋاتقان بىر كىشى ئۆي ئىچىدىن ئىس چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، شۇنىڭ بىلەن دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

     شۇ جايدىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋېرسوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچى ئىدارىسى سەھەر سائەت ئۈچتىن ئازاق ئۆتكەندە قۇتقۇزۇش تېلېفونى قوبۇل قىلغان، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان، ئۇلار نەق مەيدانغا بارغان ۋاقىتتا ئۆينىڭ بىر تەرىپىدىن سەككىز فۇت ئېگىزلىكتە ئوت يالقۇنى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن. ئوت بىردەمدىلا ئۆچۈرۈۋېلىنغان، بىراق ئۆينىڭ ئارقىسى بۇزۇلۇپ كەتكەن. ئارقىدىنلا يەرلىك دائىرىلەر ئوت كەتكەن نەق مەيداندىن ئىسپات توپلىغان. ۋېروسوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوت مەنبەسىدە كۈچلۈك بېنزىن پۇرىقى باركەن.

     ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر يۈرۈش تۇرالغۇدا كىلىنتوننىڭ بوۋا - مومىسى تۇرغان بولۇپ، ئۆي ئىچىنىڭ بېزەكچىلىكىدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-،50- يىللىرىدىكى ئۇسلۇب ساقلانغان. كىلىنتون ئىلگىرى:«مەن بۇ ئۆيدە مېڭىشنى، سۆزلەشنى، دۇئا قىلىشنى، كىتاب ئوقۇشنى ئۆگەنگەن، بوۋا- مومامدىن ئاشخانىنىڭ دېرىزىسىگە قەغەز مىخلاشنى ئۆگىنىۋالغان»دېگەن.



خەتكۈچلەر:
28-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
ھەر كۈنى نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ خىزمەت ئورنىدا ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىزدىگۈچى كىشىلەر،دائىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەڭگۈ دېمەيدىغان قايسى گەپلەر بار؟”دېگەندەك ماقالىلەرنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ،مەن ئوز ئەمەلىيىتىم جەريانىد...
07-02-2016
         2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى، تۆمۈر يول غەربىي باغچىسىدا پەيدا بولغان بىر مايمۇن شاھ «ئالتۇن گۈرزە» ئوينىتىش ۋە ئېگىز بوشلۇقتا تىك موللاق ئېتىش قاتارلىق ئەپچىل ماھارەتلىرى بى...
07-02-2016
         2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، يېقىندا «مايمۇن ئاغا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ» دېگەن تېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇلاھىزە قىلىنىشىغا...
07-02-2016
             ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
06-02-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيىنىڭ ھومىس شەھىرى (Homs) دىكى نادا مېھرى ۋە ھەسەن يۈسۈف ئىسىملىك يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ خاراب قىلىۋېتىلگەن قۇرۇلۇشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش...
06-02-2016
       يېقىندا 27 ياشلىق ئىتالىيەلىك ئەر ئارتىس رافائېل سشۇماشىېر پىسا تەجرىبە تىياتىرخانىسىدا تىياتىردىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش كۆرۈنۈشىنى ئورۇنلاۋاتقاندا خاتالىق يۈز بېرىپ بوغۇلۇپ ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇرخانىغا جىددىي ئېل...
06-02-2016
جى چۈنخۇا 1961-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى جېجىياڭ ئۆلىكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق چامباشىچى كىنو ئارتىسى. 1982-يىلى ئىشلەنگەن <شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى> فىلىمى بىلەن كۆزىگە كۆرۈنگەن. 1993-يىلى ئىشلە...
06-02-2016
          2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
06-02-2016
         2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ۋۇخەن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بىر ماشىنا يول بويىغا توختىتىلىپ رادىئودا ئادەم ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ماشىنىغا ئىزدەۋاتقان كىشىنىڭ رەسىملىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى چاپلانغانىدى. بۇ 20 ياشل...
06-02-2016
         ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن يولدىشى ئابىشېك باچچاننىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا كىرىزىس كۆرۈلگەنلىكى بوللىۋود ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇ ئاساسلىق ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشىكنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، تېخىم...
Powered by Leglek