ھىندىستانلىق بىر ئايال «تېگى پەس»گە ياتلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېرى تۇغقانلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى

 جۇڭگو خەۋەر تورى 15-مارت خەۋىرى: نۇر تورى تەرجىمىسى؛

  ھىندىستانلىق بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي توي قىلغانلىقتىن، يولدا باشقىلارنىڭ قەست قىلىشىغا ئۇچرىدى. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىنىپى تۈزۈم ھىندىستاندا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، بۇ خىل ھالەت نۇرغۇنلىغان تىراگېدىيەلەرنى پەيدا قىلىپلا قالماي يەنە ناچار جەمئىيەت كەيپىياتىنى پەيدا قىلغان. ھىندىستاندا بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ قىز تەرەپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ئۆزىدىن بىر دەرىجىدە تۆۋەن تۇرىدىغان «تېگى پەس» ئەرگە ياتلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاقىۋەتتە قىز تەرەپنىڭ ئۇرۇق تۇغقىنى ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئېرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە ئايالىنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ 15-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 19 ياشلىق كاسۇلىيا مەكتەپتە 22 ياشلىق ئەر سانكار بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغان ھەمدە بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان، بۇ ئىككىيلەن ئايرىم ئايرىم ھالدا تۆتىنچى يىللىق ۋە ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، توي قىلغاندىن كىيىن كاسۇلىيا مەكتەپتىن چېكىنىپ ئۇقۇش تاشلىغان، كاسۇلىيا ئاتا-ئانىسىنىڭ رەت قىلىشىغا قارىماي، سەككىز ئاينىڭ ئالدىدا «تېگى پەس» دەپ قارالغان سانكارغا ياتلىق بولغان، شۇنداق قىلىپ ئائىلە ماجراسىمۇ تەڭ باشلانغان، توي قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار توختىماستىن قىز تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغان.

   3-ئاينىڭ 13-كۈنى، بۇ ئىككىيلەن سىرتقا مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىققاندا، توساتتىن ئەسكى كىشىلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بەتنىيەتلەر قولىدا پىچاق كۆتۈرۈپ سانكارنى تەلۋىلەرچە چاپقان، كاسۇلىيا بولسا باش تەرىپى ئېغىر يارىلانغان، ئەينى چاغدا مەيداندىكى ھېچكىم ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى خالىمىغان، بەتنىيەتلەر قىلىدىغىنىنى قىلىپ بولۇپ ئايرىلغاندا ئاندىن بەزى كىشىلەر  ئۇلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. سانكار ئېغىر يارىلانغانلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن، كاسۇلىيا بولسا بۇ بالايى قازادىن ئامان قالغان، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئەھۋالى مۇقىملاشقان. ساقچى دائىرىلىرى نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ تارتىۋالغان سۈرەتكە ئاساسەن قاتىلنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدەۋاتقان ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
15-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
20-04-2016
سىتى گۇروھى (Citi) نىڭ ئانالىزچىسى Ed Morse يەكشەنبە كۈنى دوكلاتىدا ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە نېفىت باھاسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، تەمىنلەشنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ھەمدە ئېھتىياج داۋاملىق ئېشىۋاتقان ھالىتىنى تولۇقلاپ يىتەرلىك مەبلەغ بىلەن مەھسۇلا...
20-04-2016
4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلىپ يۇقىرى ئۆرلىگەندىن كېيىن بىراقلا تۆۋەنلەپ 1234 دوللار ئەتىراپىغا يېقىنلاشتى. شۋېتسارىيە بانكىسى(UBS) مۇنۇلارنى بىلدۈردى، نىسپىي قىسقا ۋا...
20-04-2016
سۇمرۇغ تورىنىڭ 20-ئاپرېل خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى : 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 0:30 ئۆتكەندە، 2015-2016-مۇسابىقە پەسىللىك گېرمانىيە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بايرىن ميۇنخىن ساھىبخان مەيداندا بېر...
20-04-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى: باھا ئىسلاھاتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىۋاتىدۇ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۇل كەسىپلەرمۇ كەلگۈسىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى كۈتۈۋالىدۇ. بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، مەملىكەتلىك ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتى يىغىن...
20-04-2016
2016-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھىرى، شۇ كۈنى كەچتە يىۋۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى دېلو مەلۇم قىلىش تېلىفونى قوبۇل قىلغان بولۇپ، مەلۇماتتا يىۋۇ شەھىرى ئايرودروم يولى 627-نومۇرغا ج...
20-04-2016
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: سانجىغا قاتنايدىغان يولۇچى ئاپتوبۇسلىرى شەھەر ئاھالىلىرىگە قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بەزى يولۇچى ئاپتوبۇسلىرى كۆپرەك يولۇچى ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن ئاپتوموبىل يولىنى خالىغانچە ئىگىلىۋېلىپ، باشقا ئا...
20-04-2016
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋېرگىنىيە شتاتىدىكى 10 ياشلىق ئاشتون ئىسىملىك بالا بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە 40 ئادەمنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقى ئۈچۈن يېقىندا ئۇنىڭغا «كىچىك قەھرىمان»دەپ نام...
20-04-2016
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 11-ئاپرېلدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى توردىكى شاخلىتىپ سېتىش تە...
20-04-2016
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشتە كىشىلەرنىڭ ئانتىبىئوتىك دورىلارغا نىسبەتەن تونۇشنىڭ توغرا بولمىغانلىقى سەۋەب بولۇشتىن باشقا، يەنە مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ يېتەرلىك ...
20-04-2016
ئەنگىلىيە < كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىرىلانكا يالا دۆلەتلىك باغچىسى (Yala Natnional Park) دا قورسىقى ئېچىپ ئېچىرقاپ كەتكەن بىر پىل ماشىنىدىكى ساياھەتچىلەردىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ يېمەكچى بولغان. بۇ ساياھەتچىلەر ماش...
Powered by Leglek