12-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 13:00 تە، چاڭچۈن شەھىرى جىڭيۆتەن ئورمان باغچىسى قار دۇنياسى مەنزىرە رايونىدا، بىر نەچچە نەپەر پولات تۇرۇبا ئۇسسۇلى ئوينايدىغان قىزلار قەھرىتان سوغۇقتا قار ئۈستىدە پولات تۇرۇبا ئۇسسۇلى ئويناپ ماھارەت كۆرسەتتى. نۇرغۇنلىغان شەھەر ئاھالىلىرى بۇ يەرگە كېلىپ ماھارەت كۆردى، ھەمدە بەس-بەستە تېلېفونىدا سۈرەتكە تارتىشتى.
29 ياشلىق سىچۈەنلىك قىز سوڭياۋ بولسا دۆلەتلىك پولات تۇرۇبا ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى، بۇ قېتىم ئۇ ئالاھىدە بېيجىڭدىن چاڭچۈن شەھىرىگە كېلىپ، چاڭچۈن شەھىرىدىكى پولات تۇرۇبا ئۇسسۇلى ئوقۇتقۇچىسى فېي مۇئەللىم بىلەن بىرلىكتە قار مۇز ئۈستىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆپچىلىكنى ھايۋاناتلارنى ئاسراشقا، قىشتا نوركا كىيمەسلىككە چاقىردى.
نۆۋەتتە نومۇر ئورۇنلاش تەييارلىقى ئېلىپ بېرىلماقتا.
ماھىرلار پولات تۇرۇبا ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.
ماھارەت كۆرسىتىش نەق مەيدانى، ماھارەت كۆرسەتكۈچىلەر سەنئەت ئارقىلىق كىشىلەرنى نوركا كىيمەسلىككە دەۋەت قىلماقتا.
10 مىنۇتلۇق نومۇر ئورۇنلاشتىن كېيىن، توڭلىغىنىدىن پۇت قوللىرى قېتىپ كەتكەن ئارتىسلارنى ھەمراھلىرى يۆلەپ ماڭماقتا.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved