جۇڭگو ئاخبارات تورى 23-مارت خەۋىرى (ئوكيان تورىدىن رومانگۈل تەرجىمىسى)
يېقىندا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارىتى ئەنزىسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى.
يوليورۇقتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى ۋاكسىنا بىخەتەرلىكى ۋەقەسى نازارەتچىلىكتە يوچۇق بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ۋەقە جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. يېمەكلىك دورا نازارەت باش ئىدارىسى، سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى بىرلىكتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «مەسىلە كۆرۈلگەن ۋاكسىنا» لارنىڭ ئېقىش يۆنىلىشى ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەلتۆكۈس ئېنىقلاپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشقا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، جىنايەتچىلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىپ، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، ئەملەش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved