ئەگەر سىز ئۆي سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە پۈتكۈل شىنجاڭ دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2016-يىللىق ئەتىيازلىق ئۆي-زېمىن سودا يەرمەنكىسىگە بېرىپ ئايلىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
3-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇخبىرنىڭ 2016-يىللىق شىنجاڭ (ئۈرۈمچى) ئەتىيازلىق ئۆي-زېمىن سودا يەرمەنكىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «شىنجاڭ ئۆي-زېمىن بازىرى بىلەن بىرلىكتە گۈزەل كېلەچەك يارىتىش» نى باش تېما قىلغان بۇ قېتىملىق ئۆي-زېمىن سودا يەرمەنكىسىنىڭ باش مەيدانى ئۈرۈمچىگە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە تارماق مەيدان تەسىس قىلىنىپ، پۈتكۈل شىنجاڭ بىر تۇتاش ھەرىكەتكە كېلىش شەكلىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىكەن.
بۇ قېتىملىق ئۆي-زېمىن سودا يەرمەنكىسى تاۋار ئۆيلەرنى ئاساس، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، بېزەك ماتېرىياللىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ساھە مەھسۇلاتلىرى، مۇلازىمەتلەرنى قوشۇمچە قىلغان يەرمەنكە سودا پائالىيىتى بولۇپ، سۈپەتلىك ئۆي، ئېسىل بېزەلگەن تەييار ئۆي، ئېگىز قەۋەتلىك تۇرالغۇ، داچا ۋە ئىشخانا بىناسى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى باش يىغىن مەيدانى شىنجاڭ خەلقئارا يەرمەنكە مەركىزىگە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يەرمەنكە رايونىنىڭ كۆلىمى 12 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved