جۇڭگونىڭ يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى %7 بولدى
خەلقئارا جامائەتچىلىك ھەم ھەيران قالدى ھەم بەس مۇنازىرە قىلدى
ھەيران قالغانلار كۆپ بولدى. نوپۇزلۇق مالىيە- ئىقتىساد تاراتقۇسى ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل 2- پەسىلدە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشى مۇقىم بولدى، ھالقىلىق مەھسۇلاتلاردا قاڭقىش بولدى، بۇ بۇلتۇر ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ بىر قېتىملىق ئۇزاق مەزگىللىك تۆۋەنلەشنى ئاستىلاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بەس مۇنازىرە توغرىسىدا توختالساق، %7 نۇرغۇن دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنى مۆلچەرى ۋە جۇڭگونىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىنىڭ راستلىقىغا بولغان گۇمانىنى ئاشۇرۋەتتى. ھەيران قىلىش بىلەن بەس مۇنازىرە ئارىلىشىپ كەتتى، بۇ يەنە بىر تەرەپتىن مۇرەككەپ مۇھىت، زىددىيەت ئارىلىشىپ كەتكەن يولدا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ %7 لىك سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.
دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر سالساق %7 ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى تەستە قولغا كەلگەن
20- ئەسىردە دۇنيا ئىقتىسادىي ئەسلىگە كېلىش يولى تازا مۇقىم بولمىدى، ئەگرى توقاي بولدى. گۈزىتىشنىڭ ۋاقىت ئوقىنى ئۇزارتساق، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد ۋە سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياۋ جىجۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتىدۇ. دۇنياۋىلىشىش دەرىجىسى بارغانسېرى يۇقىرىلاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئۆزىنى ئويلىسىلا بولمايدۇ. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى چېن دۇڭچى مۇنداق دېدى: %78 لىك ئېشىش سۈرئىتى كۈلىمى كىچىك، تۈپ سانى تۆۋەن تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ھىندىستان( ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى ۋە ئوتتۇرىچە GDP سى جۇڭگونىڭ بەشتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ)دىن يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى ۋە باشقا ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن ئېشىپ كەتكىنى يوق. «دۇنيا بازار ئېھتىياجى تۆۋەن مۇھىتتا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ %7 لىك ئېشىشنى ساقلاپ قىلىش تەستە قولغا كەلگەن.»
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved