ئامېرىكا سۈرىيەدىكى «ۋەكالەتچى»لىرىنى ھاۋادىن قوغدىماقتا

ئامېرىكا ئەمەلدارى 2- ئاۋغۇست، زۇڭتۇڭ باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى مەشقلەندۈرگەن سۈرىيەدىكى «مۆتىدىل» ئۆكتىچى قوراللىقلارنى ھاۋادىن قوغداشنى قارار قىلغانلىقى، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ دۈشمەن پەيدا قىلىش مۇمكىنلىكى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى.

تۇنجى قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمى 31 –ئىيۇل ئېلىپ بېرىلدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە توقۇنۇشىغا يەنىمۇ ئارىلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىراق ئامېرىكا ئەمەلدارى بۇ قېتىمقى ھەرىكەت يەنىلا «ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا قارىتىلدى دېدى.

ئامېرىكا «ۋول كوچىسى گېزىتى» تۇنجى قېتىم بۇ خەۋەرنى ئاشكارلىدى. ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ئامېرىكىنىڭ بىر قانچە ئەمەلدارى مۇنداق دېدى، ئامېرىكا مەشىقلەندۈرگەن«مۆتىدىل»ئۆكىتىچى قوراللىقلار «ئىسلام دۆلىتى» نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئامېرىكا ھاۋادىن ئوت كۈچى بىلەن تەمىنلەپ ھۇجۇم خاراكتېرلىك زەربە بېرىدۇ؛ «مۆتىدىل» ئۆكىتىچى قوراللىقلار ھەرقانداق ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئامېرىكا مۇداپىئە خاراكتېرلىك ئوت كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
سۇرىيەنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتى قالايمىقان، «ئىسلام دۆلىتى» ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى «ۋەكالەتچى» قوراللىقلىرى دۇچ كەلگەن تەھدىتلەرنىڭ پەقەتلا بىرسى. قوشنا دۆلەتتە، ئامېرىكا ئارمىيەسى مەشقاۋۇللىرىنىڭ تەربىيەسىنى ئېلىپ تۇنجى تۈركۈمدە دۆلىتىگە قايتقان «30–دىۋىزىيە»نىڭ 31–ئىيۇل سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەب ئۆلكىسىدە «قوللاش فىرونتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىشىغا سەۋەپ بولدى. بۇ ھازىرغىچە، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى«ۋەكالەتچى» قوراللىقلىرىنى ھاۋادىن قوللاپ ھەركەت قىلىشى.

ئامېرىكا ئىزچىل سۈرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنى قوراللاندۇرۇش ۋە مەشىقلەندۈرۈشتىكى مەقسەت «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ياكى زۇڭتۇڭ بەشىر ئاسادقا سادىق باشقا قوراللىقلار ئەمەس دەپ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھەم سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئاشۇ دۆلىتىگە قايتقان ئۆكىتىچى قوراللىقلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتىپ بىر تەرەپ قىلىپ كەلدى. سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى مۇداپىئە ۋە ھۇجۇمىنىڭ ئاساسلىق ئوبيېكتى «ئىسلام دۆلىتى» ۋە «قوللاش فىرونتى» قاتارلىق ئەسەبىي قوراللىقلار.

ئەمما ئامېرىكا ئەمەلدارى مۇنداق دېدى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن «مۆتىدىل» ئۆكىتىچى قوراللىقلار ئارىسىدا مەقسەتسىز توقۇنۇش يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمايمىز. بۇ ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشقا ئىمكان قالدۇرۇپ قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بەش بۇرجەكلىك بىنا ۋە ئاق ساراي ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل «ھاۋادىن قوغداش»نىڭ كونكىرىت ئۇرۇش پىرىنسىپىغا باھا بېرىشنى رەت قىلدى، ھەم يۇقىرىقى ئىسمى نامەلۇم ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى دەلىللەشنى خالىمىدى.

ئاق ساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئالىستىل بارسكىي مۇنداق دېدى، پەقەت ئامېرىكا مەشىقلەندۈرگەن سۇرىيە «مۆتىدىل» ئۆكىتىچى قوراللىقلارلا ئامېرىكىنىڭ ھاۋادىن قوغدىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، «جۈملىدىن مۇداپىئە خاراكىتلىك ئوت كۈچى ياردىمىمۇ بار». ئامېرىكىنىڭ قىلىدىغىنى «زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ» ئامېرىكا تەربىيەلىگەن سۈرىيە «مۆتىدىل» ئۆكىتىچى قوراللىقلىرىنىڭ «بۇرچىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئورۇندىشىغا» كاپالەتلىك قىلىش.

بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى ئېلىسا سىمىت تەكىتلەپ، ئامېرىكا تەربىيەلىگەن سۈرىيە «مۆتىدىل» ئۆكىتىچى قوراللىقلىرىنىڭ «ئالدىنقى ھەم ئەڭ مۇھىم» مەقسىتى«ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرىغا زەربە بېرىش دىدى.

سىمىت مۇنداق دېدى، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكا نۇرغۇن مۆتىدىل «مۆتىدىل» ئۆكىتىچى قوراللىقلارنىڭ نەچچە سەپتە جەڭ قىلىشىغا دۇچ كېلىدۇ، بۇ، باشار ئەسەد ھاكىمىيىتى، «ئىسلام دۆلىتى» ۋە باشقا تېررورچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكا بۇ يىل 5–ئايدىن باشلاپ، سۈرىيەدىكى «مۆتىدىل» ئۆكىتىچى قوراللىقلارنى تەربىيلەشكە باشلىغان بولۇپ، ھەر يىلى 5 مىڭ 400 ئەتراپىدا ئادەم تەربىيەلەپ 3 يىل داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. بۇ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش تاكتىكىسىنىڭ بىر قىسمى. بىراق ئەسكەر تەربىيەلەش پىلانى باشتىلا ئاۋارچىلىققا ئۇچرىدى، بۇنىڭغا تاللانغان نۇرغۇن سۇرىيەلىك ئۆكىتىچى قوراللىقلار نامزاتلىرى بۇنىڭغا ماس كەلمەيدۇ دەپ قارالدى، بەزىلىرى ھەتتا قېچىپ كەتتى.

ئوبامانىڭ مەشىقلەندۈرۈلگەن قىسىمدىن «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلىشىدىن نۇرغۇن سۇرىيە ئۆكىتىچىلىرى نازارى بولدى، سۇرىيە ئۆكىتىچىلىرىنىڭ ئويلايدىغىنى باشار ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش. ئەمما ئامېرىكا «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش ھەربىي ھەركىتىدە باشار ھاكىمىيىتى بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئىزدەنمەكتە.

ئەمما ئامېرىكا تەربىيەلىگەن «ۋەكالەتچىلەر» سۇرىيەگە قايتقاندىن كېيىن، «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلماي تۇرۇپلا، باشقا ئۆكتىچى قوراللىقلارنىڭ ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالدى، مەسىلەن، 31 –ئىيۇل «30–دىۋىزىيە »نىڭ باش شىتابىغا ھۇجۇم قىلغان «قوللاش فىرونتى» دىگەندەك. بازا تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەدىكى تارمىقى «30–دىۋىزىيە»نىڭ نۇرغۇن ئوفىتسېر ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالدۇق دەپ داۋراڭ سالدى.



خەتكۈچلەر:
09-08-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek