لىۋان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنى ئەيىبلىدى

جاھان ئاگېنتلىقى 25-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: لىۋان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نىھات ئەل مەنشۇق، لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ سۇرىيە مۇداخىلىسىنى ئەيىبلەپ، تەشكىلاتنىڭ سۇرىيەدە ئۇرۇشقا كىرىشىنىڭ نەتىجىلىرى بىلەن ھىسابلاشماي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تارىخى جىدەل-ماجرا ۋە بۆلگۈنچىلىكنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەنشۇق، ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز دىگەندە 250 مىڭ سۇرىيەلىك پۇقرانى ئۆلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بەششار ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتە پۇت دەسسەپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردىمۇ سۇرىيەدە بۇنىڭدىن كېيىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلمەيدۇ دېدى. ئۇ يەنە، دەمەشىق ھۆكۈمىتىنىڭ لىۋان ۋە سۇرىيەدە نۇپۇزىنىڭ قالمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ھازىر سۆزلەۋاتقىنى ئىرانلىقلاردۇر! دېدى.
مەنشۇق،« لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى بۇ ئۇرۇش ئوتىنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىغانلىقىنى، سۇرىيە-لىۋان چېگرىسىدىكى تۇقۇنۇشلارغا لىۋان ئاللاھ پارتىيسى قۇراللىقلىرىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، چېگرىدىكى مۇساپىلار لاگېرىنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئىچكى تەرەپكە يۆتكىلىشىنى رەت قىلىۋاتىدۇ، سۇرىيەلىكلەر ئارسەل رايۇنىدىن ئايرىلىپ بەكادىكى لاگېرغا ئورۇنلىشىشقا مەجبۇر، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ماددى ياردەم لازىم، كۇۋەيتتە ئېچىلىدىغان يىغىندا بۇ ئېھتىياجنى قامداشقا تىرىشىمىز» دېدى.
سۇرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر ئىتتىپاقى باشلىقى خالىد غوجا، ئەركىن سۇرىيە ئارمىيىسىنىڭ پەقەت ئەسەد ھۆكۈمىتى بىلەن ئەمەس، ئىران ئىشغالىيتى ۋە ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەسەدنىڭ پەقەت ئىراننىڭ پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان بىر خادىم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خالىد غوجا، ئىراننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئەسەدنى كۆتۈرۈپ بولالمايدىغانلىقىنى ۋە ۋاقتى كەلگەندە نۇرى مالىكىغا ئوخشاش ئۇنى يالغۇز قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان.



26-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
     شىنئەن كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ ساقچى تەرەپنىڭ <تېنچ ۋۇخۇ> مىكروبىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ئېيتىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋۇخۇ جام...
27-04-2016
ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكات شىتاتى، دېلاۋىيەر شىتاتى، ماريلاند شىتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى، رود شىتاتىدا 26- ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئۆي-مۈلۈك ماگىناتى ترۇمپ...
27-04-2016
    سېنگاپور « بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى تاكۇر يېقىندا ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، تاغدەك بېسىلىپ قالغان دېلولارنى بى...
27-04-2016
   ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە سانكى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن فۇجى ئاخبارات تورى يولغا قويغان ئەڭ يېڭى جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابى شىنزو ئىچكى كابېنتىنىڭ 4-ئايدىكى قوللاش نى...
27-04-2016
    فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدىكى رادىكال تەشكىلات «ئابۇشايۇف» 4- ئاينىڭ 25- كۈنى 68 ياشلىق كانادالىق تۇتقۇننى ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئەمما نۆۋەتتە مەزكۇ...
27-04-2016
     26-ئاپرېل، گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى جاكارلىغان: يەر يۈزىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ  تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىركىتىمىز 27-ئاپرېلدىكى 900 گە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئە...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇسى CNBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىيۇكسۇمبۇرگ يېقىندا بىت كويىن سودا شىركىتى Bitstamp نىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تەستىقلىدى، بۇ ياۋروپادىكى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوبۇل قىلغان تۇنجى بىت كويىن سودا ئورگى...
27-04-2016
    ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تەسىرىدىن ۋېنسۇئېلا ئېغىر ئېلېكتىر كۈچى كرىزىسىغا دۇچ كەلدى. فرانسىيە «فىگارو گېزىتى»نىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى شۇ جاي ۋاقتى ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا مۇنداق دېگەن: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش جېڭىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر...
27-04-2016
    تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيەنى ياۋرپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگەنلىرىنىڭ ...
Powered by Leglek