بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئېچىلدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى سۆھبىتى باشلاندى. دۇنيانىڭ نەزىرى پارىژغا مەركەزلەشتى، كىشىلەر يىغىندا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئورتاق گۈزەل كەلگۈسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ھەل قىلىش لاھىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا. كىلىمات ئۆزگىرىشى-ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشمۇ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئىشى.
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» كۈچكە ئىگە بولغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدە پائال ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى شۇنداقلا جاپالىق مۇساپە بېسىپ ئۆتۈلدى. يەر شارى كىلىمات سۆھبىتى ئۇزۇن داۋاملاشتى، ئىنتايىن جاپالىق بولدى، بۈگۈنكى كۈندە پارىژ يېڭى بىر پەللىنى كۈتۈۋالدى. پارىژ كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى ئاخىرىقى ھالقىلىق باسقۇچقا يەتتى، خەلقئارا جەمئىيەت كۈتۈۋاتقان رازى بولغۇدەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش-كەلتۈرەلمەسلىكتە ھەر قايسى تەرەپ سەمىمىيىتى، قەتئى ئىشەنچىسى، ھەمكارلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك.
نۆۋەتتە سۆھبەتتە ئېختىلاپ ۋە قېيىن نۇقتا يەنىلا مەۋجۈت، كېلىشىمىڭ چەكلەش كۈچى، ئورتاق ۋە پەرقلىق مەسئۇلىيەت، مەبلەغ ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىرى بىردەك ئەمەس. ئون نەچچە كۈن ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك، تەڭپۇڭ، سالمىقى ۋە چەكلەش كۈچى بار كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئاسان ئەمەس، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە كۈچلۈك ئىشەنچ بىلەن قوللىشىغا توغرا كېلىدۇ.
تەرەققى قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ رەھبىرى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا « ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلبە قىلىدىغان، ئادىل مۇۋاپىق كىلىمات ئۆزگىرىشىنى تېزگىنللەش مېخانىزمىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارىژ كىلىشىم سۆھبىتىنى كۈچلۈك سىياسى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.
رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە پارىژ كىلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنشىغا قارىتا، جۇڭگونىڭ تەشەببۇسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: ئەھدىنامە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يىشىل تەرەققىياتقا يىتەكچىلىك قىلىشقا پايدىلىق؛ يەر شارى كۈچىنى مۇجەسسەملەش- كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا مەدەت بېرىشكە پايدىلىق. سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىش- ھەرىكەت كاپالىتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئىتىبار بېرىش- ئەمەلىيەتچىل ئۈنۈملۈك بولۇشقا پايدىلىق. بۇ تۆت پايدىلىق جۇڭگو رەھبىرىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتتىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش سىياسى ئەقىل پاراسىتىنى شۇنداقلا كىلىشىم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ساداسىغا ۋەكىللىك قىلدى.
يەر شارىنى تېزگىنللەشتىكى مۇھىم ساھە بولۇش سۈپىتى بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى يەر شارىنىڭ تىرىشچانلىقى بىر ئەينەك. ھەر قايسى تەرەپلەر كۈچىنىڭ يېتىشىچە، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلبە قىلىشى كېرەكمۇ ياكى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشى كېرەكمۇ ۋەياكى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان ، ئادىل ھەققانىي، ئورتاقلىق ۋە پەرقلىق بولۇش مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەكمۇ ياكى مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۈرۈپ، ئەپلەپ سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشى كىرەكمۇ؟ كەڭ قورساق بولۇپ بىر-بىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، تەڭ تەرەققىي قىلىشى كىرەكمۇ ياكى تار جەھەتتە قارشىلىشىپ، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە پىسەنت قىلماسلىق كېرەكمۇ؟ بۇ كىلىمات سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولى ۋە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش بولۇپلا قالماي، خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى ئويلىنىشقا تىگىشلىك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلە.
پارىژ يىغىنى «تىرىكىشدىغان» تار تەپەككۇردىن ۋاز كېچىشى، ھەر قايسى دۆلەتلەر بولۇپمۇ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر كۆپرەك ھەمبەھىرلەپ، كۆپرەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ غەلبە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىگە ئىلھام بەخش ئېتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشى ۋە كەلگۈسى يەر شارىنى تېزگىنللەش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىنسانلار تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى قوشتى.
جۇڭگو ئىزچىل يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى، پارىژ يىغىنىنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشقا سەمىمىيىتى ۋە ئىرادىسى بار. جۇڭگو ئىكولوگىيە مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشىنى 13-بەش يىللىق پىلاننىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلدى ھەمدە 2030-يىلى ئەتراپىدا كاربۇن تۆت ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى ھەمدە بالدۇراق ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 20 مىليارد يۈەنلىك جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىق فوندى تەسس قىلىشنى جاكارلىدى. جۇڭگو تەنتەنىلىك ۋەدىسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللاپ، يىشىل، تۆۋەن كاربۇنلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.
كىلىمات ئۆزگىرىشدىن ئىبارەت ئىنسانىيەتنىڭ بۇ ئورتاق خىرسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تونۇش ۋە ئىرادىنى مۇجەسسەملەپ، كوللىكتىپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ غەلبە قىلىش ياخشى سىياسىتى ۋە ئادىل مۇۋاپىق كىلىمات ئۆزگىرىشىنى تېزگىنللەش مېخانىزىمى تۇرغۇزۇشى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك يەر شارى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلبە قىلىدىغان خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشى، ئىنسانىيەتنىڭ يىشىل گۈزەل يۇرتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تىگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved