ياپونىيە پارلامېنتى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى تىزگىنلەش قانۇنىنى ماقۇللىدى

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش، كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ مۇھىم ئەسلىھەلەرنىڭ ئاسمىنىدا ئۇچۇشىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى تىزگىنلەش قانۇنى شۇ يەر ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئەڭ ئاخىرىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن.

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قانۇن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى (G7) باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ تۇنجى مەيدان مىنىستىرلار (دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى) يىغىنى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى خىروسىما شەھىرىدە ئېچىلىشتىن بۇرۇن يۈرگۈزۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

يەتتە دۆلەت گۇرۇھى مىنىستىرلار يىغىنىنى يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەتتىكى پارتىيەسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى تىزگىنلەش قانۇنىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشكە ئالدىرىغان. بۇ قانۇندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ باش ۋەزىر مەھكىمىسى، پادىشاھ سارىيى، چەتئەللىك مۇھىم ئەربابلار چۈشكەن ئورۇنلار قاتارلىقلارنىڭ ئاسمىنىدا ئۇچۇشى چەكلەنگەن ھەمدە ساقچىلارنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا، گۇمانلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ۋەيران قىلىشىغا يول قويغان.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى باشقۇرۇش جەھەتتە، 2015-يىلى 9-ئايدا ياپونىيە گەرچە يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «ئاۋىياتسىيە قانۇنى»نى ماقۇللىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى مەجبۇرىي ھالدا ھەيدىۋېتىش بەلگىلەنمىگەن. شۇڭلاشقا بۇ قانۇن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە مۇكەممەل ئەمەس دەپ قارالغان.



خەتكۈچلەر:
17-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
    مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۈزىگە نىقاب كېيىۋالغان فرانسىيەلىك ياشلار 1- ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنى پارىژ كوچىلىرىغا چىقىپ، يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ كۈچ كۆرسىتىپ، نۆۋەتتە تۈزۈلىۋاتقان ئەمگەك قانۇن ئىسلاھات...
02-05-2016
    بۇلتۇر، ئامېرىكا فلورىدا ئىشتاتىدا 2 نەپەر 14 ياشلىق ئۆسمۈر دېڭىزغا چىققاندا يوقاپ كەتكەن ئىدى. يېقىندا، ئۇلار ئولتۇرغان كېمە بايقالدى، كېمىدە ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ iPhone 6 يانفونى بار ئىدى. ئالما شىركىتى بۇ iPhone 6 يانفو...
02-05-2016
   يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «2016-يىللىق زور سانلىق مەلۇمات كەسپى يىغىنى»دا، سانائەت ئۇچۇر مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت كەسپى بۆلىمىنىڭ باشلىقى شىيې شاۋفېڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر زور سانلىق مەلۇمات كە...
02-05-2016
    مىلا يوۋوۋىچ، شون روبېرتىس قاتارلىقلار باش رول ئالىدىغان «بىئو-خىمىيە كىرىزىسى» يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنىڭ ئالتىنچىسى ياپونىيەدە ئەڭ بۇرۇن قويۇلىدۇ. ھازىر فىلىمنىڭ بۇ يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ياپونىيەدە قويىلىدىغانلىقىنى بېكىتى...
02-05-2016
2016-يىلى 1-ماي ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13:30 دا، جۇڭگو ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمىسى 7-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 1-1 نەتىجە بىلەن ۋۇخەن جوئېر كوماندىسى بىلەن تەڭلەشكەن. مۇسابىقىنىڭ 69-م...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار پۇل مۇئامىلە ساھاسىدىكى بىر قانچە كىشىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك قاتلىمى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى بازار كۈچىنىڭ جۇڭگو پاي بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىشىنى ...
01-05-2016
4-ئاينىڭ 30-كۈنى، كېنىيە پايتەختى نايروبىدا قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئامان قالغانلارنى ئىزدىمەكتە. شۇ جاي ۋاقتى 29-ئاپرېل كەچتە تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر ياغقان ھەمدە قىسمەن جايلاردا كەلكۈن كەلگەن بولۇپ،  ئالتە قەۋەتلىك بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈ...
01-05-2016
    ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالما نۆۋەتتە سۇ ئۆتمەس ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك سىناق قىلىۋاتقان بولۇپ، iPhone 7 بىلەن iPhone 7 Plus تۇنجى نۇسخىدىكى سۇ ئۆتمەس ئىقتىدارغا ئىگە ئالما يان تېلېفونىغا ئايلىنىدىك...
01-05-2016
    4-ئاينىڭ 30-كۈنى 97 نەپەر تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارى (چوڭ قۇرۇقلۇقتىن 65 نەپەر، تەيۋەندىن 32 نەپەر) جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن جۇڭگو خ ج ئورگانلىرى تەرىپىدىن مالايسىيادىن دۆلەتكە قايتۇرۇپ...
30-04-2016
    نۆۋەتتە جۇڭگو 10 نەچچە دۆلەتكە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن جۇڭگو ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تىپى «چاقماق» تىپىدىكى ئايروپىلان...
Powered by Leglek