31-ئىيۇل ، لىۋىيە پايتەختى ترېپولىدا شەھەر ئاھالىسى دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى . شۇ كۈنى ، نەچچە يۈزلىگەن شەھەر ئاھالىسى شەھەر مەركىزىي كوچىلىرىدا نامايىش قىلىپ ، خەلق ئەسكەرلىرى ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇشقا قارشى تۇردى .
ئىگىلىنىشىچە ، لىۋىيەدىكى ئىككى مەزھەپنىڭ خەلق ئەسكەرلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنىدىن بۇيان ترېپولى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىپ شىددەتلىك جەڭ قىلغان . نۇرغۇن قېتىملىق سۆھبەتلىشىش ، كېلىشتۈرۈش ئارقىلىقمۇ توقۇنۇش توختىمىغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە توقۇنۇش شەھەر رايونىغىمۇ كېڭەيگەن بولۇپ ، ھازىرغىچە ئەڭ ئاز دېگەندە 97 ئادەم قازا قىلغان ، 400 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved