ئايالنىڭ بانكا كارتىسىدىكى 45000 يۈەن پۇل ئىز دېرەكسىز غايىب بولدى

     يېقىندا خاربىن شەھىرى ئاھالىسىنىڭ جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكى بانكىسى كارتىسى ئىچىدىكى 45000 يۈەن خەلق پۇلى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىكى بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى خېيلوڭجياڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ساقچىلار بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن ئىكەن.

    خاربىن شەھىرى ئاھالىسى ليۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكى بانكىسى كارتىسى ئىچىدە ئەسلىدە 45142.21 يۈەن بار ئىكەن، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى پۇل ئالماقچى بولغاندا كارتىدا پەقەت 132.21 يۈەن قالغانلىقىنى بايقىغان ئىكەن. ليۇ خانىم دەرھال بانكا پۇكىيىگە بېرىپ سۈرۈشتۈرگەندە، كارتىدىكى 45000 يۈەن پۇلنىڭ 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى باشقا ئۆلكىدە ئىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

     ليۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ كارتىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىشلەتكەن ئىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن، بانكا كارتىسى، كىملىك ۋە تېلېفونى يېنىدىن ئايرىلمىغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىزچىل خاربىندا تۇرغان بولۇپ، باشقا ئۆلكىلەرگە بارمىغان ئىكەن. ئۇ بۇ پۇلنى بالىسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشى ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى ئىكەن، ئەمما ھازىر بۇ پۇلنىڭ ئىز دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى كۆرۈپ ليۇ خانىم ناھايىتى جىددىيلەشكەن ئىكەن.

    بۇ ئىش يۈز بېرىپ 10 كۈندىن كېيىن، ليۇ خانىم ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بانكا ھېسابات نومۇرىنى ئىلتىماس قىلغان بانكىغا بېرىپ پۇلىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلغان، ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرىغا دېلو مەلۇم قىلغان بولسىمۇ يەنىلا ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.

مۇخبىر 18-چېسلا جۇڭگو يېزا ئىگىلىكى بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى خېيلوڭجياڭ ئۆلكىلىك تارماق شىركىتى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلەشكەن، بۇ بۆلۈمدىكى مەلۇم بىر خىزمەتچى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ساقچىلار بۇ ئىشقا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن، بانكا تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىدىكەن.

    ئۇنىڭدىن باشقا، بانكا خىزمەتچى خادىمى كەڭ ئابونتلارنىڭ بانكا كارتىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىنى، يۇقىرىقىدەك ئىش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئەسكەرتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
21-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
27-05-2016
يەر شارى تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو-كورىيە ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى سىئولدا 14- نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورىيە ئىقت...
27-05-2016
خېشۈن تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     5- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 بولغاندا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1217.56 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 12 دوللار چۈشۈپ كەتت...
Powered by Leglek