يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، كامىروننىڭ يېڭى تەدبىرلەرنى جاكارلىشى ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يامانلاشتۇرىۋېتىشى مۇمكىن.
كامىرون مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئەنگلىيەدە تۆت يىل تۇرمۇش كەچۈرگەندىن كېيىن ئاندىن پاراۋانلىق تولۇقلىمىسدىن ھەمدە ھۆكۈمەت بېرىدىغان پاراۋانلىق تۇرالغۇسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ناۋادا كېلەر يىلى 5-ئايدىكى سايلامدا غەلىبە قىلىپ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بولسام، كۆچمەنلەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن، بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئەگىلىيەنىڭ كەلگۈسىدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا داۋاملىق قېلىشى ياكى قالماسلىقىنىڭ مۇتلەق شەرتى.
كامىرون ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ناۋادا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەنگىلىيەنىڭ تەلىپىگە پىسەنت قىلمىسا، ئەگىلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقارمايدۇ. بۇ كامىروننىڭ ئەگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا قېلىش ياكى قالماسلىقى ھەققىدە تۇنجى قېتىم قاتتىق پۇزۇتسىيە بىلدۈرىشى.
كامىرون جاكارلىغان كۆچمەنلەرنى چەكلەش تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىچە: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئەنگىلىيەدە ئالتە ئايغىچە خىزمەت تاپالمىسا، ئەنگىلىيە بۇ كىشىلەردىن ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ كۆچمەنلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەنگىلىيەگە ئېلىپ كېلىشى چەكلىنىدۇ؛ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا يېڭىدىن كىرگەن ئىقتىسادىي قالاق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى باشقا ئەزا دۆلەتلەر ئىقتىسادى بىلەن تېخىمۇ زىچ بېرىكمىگەن بولسا، بۇ دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ ئەنگىلىيەگە كېلىپ خىزمەت قىلىشى چەكلىنىدۇ؛ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جىنايەتچىلىرىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرىلىشى تېزلىتىلىدۇ، ۋاھاكىزالار.
كامىرون مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەنىڭ ساداسى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك، بۇ ئەنگلىيە خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.
ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولىشىچە، ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىن بۇ 6-ئايغىچە، ئەنگلىيەدە ساپ كۆچمەنلەرنىڭ سانى 260 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 78 مىڭ كىشى كۆپەيگەن. ئەنگلىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى تېرىسسا: بۇ نۆۋەتلىك ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەرنىڭ سانىنى ئازايتىش نىشانىنى ئورۇنلاپ بولالمايدۇ، دېدى.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا كىشىلەرنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىگە يولغا قويۇش قائىدىسىگە ئاساسەن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پۇقرالىرى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى دائىرىسىدە ئەركىن يۆتكىلىش ۋە خىزمەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر كۆچمەنلىرىگە چەك بېكىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى باروسسو ئەنگلىيەنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىگە يول قويۇش پىرىنسىپىنى ئۆرگەرتىۋەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى.
يېڭى تەدبىر چىقىرىش ئارقىلىق تولۇقلاشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما كامىرون كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە يەنىلا ئەنگلىيەدىكى ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشىگە كۈچ چىقىرىۋاتقان ئەنگىلىيەدىكى مۇستەقىللىق پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى فاراچ: كامىرون چۇقۇم ئەپۇ سورىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ ۋەزىپىگە ئۆتىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويغان كۆچمەنلەرنى چەكلەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى، دېدى. لېبورىستلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مىلىباند: كامىرون كۆچمەنلەر سىياسىتىدە لەۋزىدە تۇرمىدى، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلدى، دېدى.
![]() |
پىرېزىدېنت تۈزۈمى
پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ.
ئىككىنچى،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved