يەر شارى تورى خەۋىرى: ھىندىستان بوشلۇق تەتقىقات تەشكىلاتى (ISRO)تورىنىڭ 24-سېنتەبىر بىۋاسىتە تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ‹‹مانجيالىيان›› ناملىق مارس ئوربېتىسىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 لاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوربېتىغا كىرگەن.
‹‹ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى››نىڭ 24-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ئارقىدىنلا سۆز قىلىپ، بۇ تەكشۈرگۈچنىڭ ئۆزىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مودى مۇنداق دېگەن: مەن ھىندىستان خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ھىندىستان تارىختا تۇنجى بولۇپ دەسلەپكى سىىناق تەرىقىسىدە مارسقا يېتىپ بارغان دۆلەت بولۇپ قالدى. شۇ يەر ۋاقتى 22-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 دا، ھىندىستان بوشلۇق تەتقىقات تەشكىلاتى مارس ئوربېتىسىنى تەكشۈرگۈچنىڭ ئاساسلىق موتورىغا سىگىنال بېرىپ، 24-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئېلىپ بارىدىغان 24 مىنۇتلۇق تەكشۈرگۈچنىڭ ئىتتەرگۈچىگە ئوت يېقىپ تەييارلىق قىلغان.
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ بۇ قېتىملىق مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولغان، ھىندىستان دۇنيادا ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ياۋروپا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىن كېيىن، 4-قېتىم مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان دۆلەت بولۇپ قالدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved