فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بىلەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 20-فېۋرال پارىژدا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: يېقىندا مىنىسكىدا ھاسىل قىلىنغان، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ئۇزۇن مۇددەت سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىگە ئالاقىدار كېلىشىمنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.
رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ رەھبەرلىرى 12-فېۋرال بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ئۇزۇن مۇددەت سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ ئۇنىۋېرسال تەدبىرى ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى. كېلىشىم 15-فېۋرال سائەت نۆلدىن ئېتىبارەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش، توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئۇرۇش توختاپ ئىككىنچى كۈنىدىن ئېتىبارەن ئېغىر تىپتىكى قوراللىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى زور كۆپ قىسىم رايونلاردىكى قوراللىق توقۇنۇش ئاساسىي جەھەتتىن توختىدى، لېكىن قىسمەن رايونلاردا توقۇنۇش يەنىلا ئېغىر، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنمىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved