شىنخۇاتورىنىڭ 6-ئاينىڭ2-كۈندىكى تېلگىراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمسى ، نىگىريە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ 2چېسلا دەلىللىشچە، نىگىرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئادماۋا ۋىلايىتىدىكى بىر قاۋاقخانا 1-چېسلا كەچتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بۇلۇپ ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ 18ئادەم قازا قىلغان 19ئادەم يارلانغان.
ئادماۋا ۋىلايىتى بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇل خادىمى 2-چېسلا شىنخۇا تورىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىپ بىرىشچە، بۇ بىر قېتىملىق ماشىنا بومبىسى ھۇجۇمى بۇلۇپ ماشىنا ئىگىسى ئاللىقاچان قولغا ئېلىنغان.
شۇ يەرلىك ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئولكۇرادنىڭ ئېيتىشىچە، 1-چېسلا كەچتە ئادماۋانىڭ مۇبى رايونىدىكى بىر قاۋاقخانىدا كىشىلەر يىغلىپ نەخ مەيداندىن تارقىتىلۋاتقان پۇتبۇل مۇسابىقسى كۆرىۋاتقان بۇلۇپ دەل شۇ ۋاقىتتا بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بەرگەن.
ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق تەشكىلات ئۆزىنىڭ بۇ پارتىلتىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكنى جاكارلىمغان. بىراق ساقچى تەرەپنىڭ قارشىچە، ئەسەبى تەشكىلات ‹‹بوكۇ ھەرەم››نىڭ بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغانلىق مۇمكىنچىلكى چوڭ ئىكەن.
ئادماۋا ۋىلايىتى بۇرۇندىن ‹‹بوكۇ ھەرەم›› نىڭ پائالىيەتنى كۆپ ئېلىپ باردىغان رايونلىرنىڭ ىرى ھىسابلىندۇ. كۆپ قېتىم بوكۇ ھەرەمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى تۈپەيلى 2013-يىلى 5-ئايدا نىگىرىيە پىرىزدېنتى جوناسىن نىگىرىيەنىڭ شىمالدىكى ئادماۋانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ رايوننىڭ جىددى ھالەتكە كىرگەنلىكنى جاكارلىغان ئىدى.
2015-يىلدىكى چوڭ سايلامنىڭ يېقىنلىشىغا ئەگىشىپ، نىگىرىيەنىڭ شىمالدىكى رايونلار يېقىندىن بۇيان بىخەتەرلىك سالمىقنى كۆچەيتىكەن. بۇ يىل 4-ئايدا ‹‹بوكۇ ھەرەم›› بورنو ۋىلايتىدە 200دىن ئارتۇق تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قىز ئۇقۇغۇچىلىرنى تۇتقۇن قىلۋېلىپ ، مۇشۇ ئارقىلىق تۈرمىدىكى تەشكىلات ئەزالىرنى ئالماشتۇرماقچى بولغان. جوناسىن ئالدىنقى ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ نىگىرىيە چېگراسى ئىچىدىكى تېرورچىلارغا قارىتا پۈتۈن كۆلەملىك زەربە بىردىغانلىقنى ئېيتقان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved