جەنۇبىي شىنجاڭدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 27 – ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدۇ
يەنە بىر قېتىملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 20 – ئىيۇل شىمالىي شىنجاڭدا 23 – ئىيۇلغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدا 27 – ئىيۇلغىچە ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى.
21 – ئىيۇل كېچىدىن 22 – ئىيۇلغىچە، ئىلى دەريا ۋادىسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرى ۋە تارباغاتاي، ئالتاي قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سىم – سىم ۋە ئازراق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قارا يامغۇر ياغىدۇ.
21 – ئىيۇل كۈندۈزدىن 23 – ئىيۇل (جەنۇبىي شىنجاڭدا 27 – ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدۇ)غىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپلىرى، قۇمۇل، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، تۇرپان، پىچان، توقسۇن ئويمانلىقى ۋە قۇمۇل، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى، خوتەن قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدۇ.
23 – ئىيۇل كېچىدىن 24 – ئىيۇل كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونىدا سىم – سىم ۋە ئازراق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قارا يامغۇر ياغىدۇ.
مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى كەلگۈسى ئىككى كۈندە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە شەرقىي شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىراق بولىدىغانلىقىنى نۇقتىلىق ئەسكەرتتى ھەم كۆپچىلىكنىڭ ئىسسىقتىن ساقلىنىشى ۋە ئوت، توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.
ئۈرۈمچىدە 21 – ئىيۇل كېچىدىن 22 – ئىيۇل كۈندۈزگىچە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا 34 سېلسىيە گىرادۇس، تۆۋەن تېمپېراتۇرا 23 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved