چاچ چۈشۈش ۋە چاچتا كېپەك بولۇش كېسەللىكنىڭ ئالامىتىمۇ؟

      ئەگەر باشتا كېپەك بەك كۆپىيىپ، چاچ تارىغاندا ياكى تاتلىغاندا، باشتىكى كېپەك قاردەك ئۇچۇپ چۈشسە، بۇ كېسەللىك ئەھۋالى بولىدۇ. بۇ خىل تېرە كېسەللىكى تېببىي پەندە «تېرە تۆكۈلۈش» ياكى «باش تەمرەتكىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق كېسەللىكتىن قانداق خالىي بولغىلى بولىدۇ؟ ئالدى بىلەن مۇۋاپىق ھالدا مايلىق تاماقنى چەكلەش، يېڭى سەي بىلەن ۋىتامىنلىق مېۋىلەرنى جىقراق ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئۇندىن باشقا، باشنىڭ تازلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

چاچ چۈشۈشتىكى خىلمۇ خىل سەۋەبلەر

      تۇغۇتتىن كېيىن چاچ چۈشۈپ كېتىش: ئاياللار ھامىلدار مەزگىلىدە ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىتىلىپ چىقىشى كۆپىيىدۇ، تۇغۇتتىن كېيىن ئانىلىق ھورمۇن تۇيۇقسىز ئازلاپ، چاچنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى تېزلا توختاپ، چاچنىڭ شالاڭلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە تۇغۇتتىن ئالتە ئايدىن كېيىن بۇ خىل ھالەت تۈگەيدۇ.

ئىرسىيەت خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈپ كېتىش: ئاتا- بوۋىللىرىدا چاچ چۈشۈپ كېتىش گېنى بولسا، ئۇنىڭ بالا نەۋرىلىرىنىڭمۇ چېچى چۈشۈپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. ئادەتتە ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپرەك بولىدۇ. ھازىر بۇ خىل چاچ چۈشۈپ كېتىشنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى يوق.

      دورا خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈپ كېتىش: بەزى دورىلار مەسلەن: ئۆسمىگە قارشى دورىلار، تۇتقاقلىق كېسىلىگە قارشى دورىلار قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەندە چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ. دورا ئىشلەتكەن ۋاقىت قىسقا بولسا، چاچ قايتا ئۈنۈپ چىقىدۇ، دورا ئىشلەتكەن ۋاقىت ئۇزۇن بولسا، چاچنىڭ مەڭگۈلۈك چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      كېسەل خاراكتېرلىك چاچ چۈغۈپ كېتىش: سىستېمىلىق داغ، بۆرە چاقىسى، جىگەر كېسىلى، جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك    قاتارلىقلار چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر كېسەل ساقايسا چاچ چۈشۈشمۇ توختاپ، چاچ قايتا چىقىدۇ.

پەسىل خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈش: كۈز پەسلىنىڭ ئاخىرى، قىش پەسلىنىڭ بېشىدا بەزى كىشىلەردە چاچ چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەللىك ئەھۋالى ئەمەس، چاچنى ئازراق يۇسا چاچ چۈشۈش توختايدۇ.

     مۇھىت خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈش: ھاۋا تەڭشىگۈچ خاراكتېرىدىكى ئىسسىق- سوغۇق شامال ۋە سوغۇق شامال چاچنىڭ ئۆسۈشىگە مۇۋاپىق ئەمەس، ھاۋا قۇرغاق بولسا چاچنى ئاسانلا قۇرغاقلاشتۇرۇۋېتىپ، سۈپەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسى بەك يۇقىرى بولسا بۇمۇ چاچنىڭ ئۆسۈشىگە ئوخشاشلا پايدىسىز، چاچ ئۇزاق ۋاقىت قۇياش نۇرى ئاستىدا ئوچۇق تۇرسا چاچنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ، نەملىكى يوقىلىپ قۇرغاقلىشىپ چۈشۈپ كېتىدۇ.

     روھىي خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈپ كېتىش: چوڭ مېڭە ئۇزاق ۋاقىت تىنىچسىز، تەشۋىشلىنىش ھالىتىدە تۇرسا ياكى نېرۋا قاتتىق جاراھەتلەنسە ياكى مۇھىت تۇيۇقسىز ئۆزگەرسە، بۇ باش قان تومۇرلىرىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت تارىيىش ھالىتىدە تۇرۇپ، قاننىڭ ئايلىنىشى ياخشى بولماسلىق، چاچنىڭ ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولماسلىق تۈپەيلىدىن چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن چاچ چۈشۈپ كېتىش: كاربىمازول ياكى مېتىل ئازىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەرلەرنىڭ ئاتىلىق جىنسىي ھورمۇنىنىڭ ئاجىرىتىپ چىقىرلىشى كۆپ بولۇپ كېتىشى، ئاياللاردا ئانىلىق جىنسىي ھورمونلارنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرلىشى ئازىيىپ كېتىشى پاينەكباش بولۇپ قېلىش ياكى چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     ئۇزۇقلۇق ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن چاچ چۈشۈپ كېتىش: چاچنىڭ ئۆسۈشى بەدەننىڭ يېتەرلىك مىقداردا ئاقسىل بىلەن تەمىنلىنىشىگە ئېھتىياجلىق. مەسلەن: ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ياخشى بولمىسا ئۇزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ ياكى ماينىڭ ماددا ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىپ، تۈك خالتىسى ئەتراپىغا يىغىلىۋالىدۇ، بولۇپمۇ ئاقسىل ۋە تۆمۈرنىڭ تەمىنلىشى يېتەرلىك بولمىسا، بۇ چاچنىڭ كۆپ مىقداردا چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    يۇقىرقىلاردىن باشقا، چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار كۆپ بولۇپ، چاچ بوياش دورىسى ھەمدە چاچنى چۈشۈرۈش خۇسۇسىيتى كۈچلۈك بولغان چاچ يۇيۇش دورىللىرىنى كۆپلەپ ئىشلىتىش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىشمۇ چاچنىڭ ئۆسۈشىگە يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
30-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek