ۋاڭيى تەنتەربىيىسى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بەزى ئەھۋالدىن خەۋەردا ر كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ نەتىجىسق ياشق بولمىغانلىقتىن ، بۇلۇپمۇ ئالدىنقى ئايلانمىدا 22 نومۇر ئالدىدا تۇرۇپمۇ گۇاڭشا كوماندىسىدىن تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن. ھەمدە كوماندىنىڭ مەشقاۋۇلىنى ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلغان. ئۇلار ھازىرقى مەشقاۋۇل خاۋ مىنشۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ كوماندىنىڭ ئالدىنقى پەسىللىك مەشقاۋۇلى سۈي ۋەنجۈننى كوماندىنىڭ مەشقاۋۇللۇقىغا سايلاشنى قارار قىلغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئېيتىشىچە سۈي ۋەنجۈن ئۈرۈمچىگە كېلىش سەپىرىدە ئىكەن.
بۇ يىل شىنجاڭ كوماندىسى يۇقىرى سوممىلىق مەبلەغ سېلىپ ئاۋال جوۋ چى، لىيۇ ۋېي قاتارلىق ئەمەلىي كۈچى بار دۆلەت ئىچىدىكى توپچىلارنى سېتىۋالدى. ئاندىن يەنە ئەسلىدىكى NBA نىڭ كۈچلۈك ئەزالىرى بىلاچىر ۋە كراۋفۇد قاتارلىقلارنى قوشۇۋېلىپ بۇ يىللىق چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلاشقانىدى. بىراق 13 ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسى 9 مەيدان ئۇتۇش، 4 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىسى بىلەن نومۇر تاختىسىنىڭ 5-ئورۇنغا ئۆيۈپ قالدى. كوماندىنىڭ مەشقاۋۇلى خاۋ شۇمىن مۇشۇ سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشى ۋە بېسىمىغا ئۇچرىدى. ھەمدە مەشقاۋللۇقتىن قالدۇرلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق شەسكە ئايلىنىپ قالدى.
سۈي ۋەنجۈن ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە باشقىلار تەرىپىدىن ئانچە كۈچلۈك دەپ قارالمىغان شىنجاڭ كوماندىسىنى يېتەكلەپ ئومۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەنىدى. ئاخىرىدا چەتئەللىك ئەزانىڭ يارىلىنىش سەۋەبىدىن ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەنىدى. بۇ يىل يازدا كۇلۇبنىڭ مائاش توغرىسىدىكى پىكىرى بىلەن ئىختىلاپ پەيدا بولۇپ قېلىپ سۈي ۋەنجۈن شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئايرىلىپ لىياۋنىڭغا قايتقانىدى. بىراق ھازىر شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن مەشقاۋۇل ئالماشتۇرۇش مەسىلسى كۈندىن كۈنگە مۇھىم بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا كۇلۇبنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق رەھبەرلىرى بۇ خىزمەت نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك مەشقاۋۇلنى قايتىدىن ئويلاشمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى.
ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى تۆتىنچى كونترول ئاخىرلىشىشقا يەنە 8 مىنۇت ئەتراپىدا قالغان ۋاقىتتىمۇ يەنىلا 22 نومۇر پەرق بىلەن ئۈستۈنلۈكتە ئىدى. بىراق ئاخىرى چاقچاق قىلغاندەك گۇاڭشا كوماندىسى تەرىپىدىن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۇچراپ بۇ تارىخى خاراكتېرلىك مەغلۇبىيەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ھازىر سۈي ۋەنجۈننىڭ ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققانلىقى ئاشكارىلاندى. شۇڭا ئۇنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇل بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندىمۇ سۈي ۋەنجۈن كوماندىنىڭ مەشقاۋۇللۇقىغا ئەڭ ماس كېلدىغان بىردىن بىر نامزات بۇلۇپ قالغانىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved