دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 4-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيە ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرۈش ئورنى، ISIS «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان يەرمۇكتىكى پەلەستىن مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ يۈزدە 90% نى كونترول قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۇرىيە پايتەختى دەمەشىقنىڭ جەنۇبىدىكى مىڭلىغان كىشىلەر ياشاۋاتقان يەرمۇك مۇساپىرلار لاگېرى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا بولۇپ، ئەمدىلىكتە ISIS نىڭ ھۇجۇم نىشان بولۇپ تەشكىلاتنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتۈش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. مەركىزى ئەنگىلىيەدە بولغان سۇرىيە ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرۈش ئورنى، لاگېرنىڭ يۈزدە 90% نىڭ ISIS نىڭ كونتروللىقىغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ھەقتە دەمەشىق ھۆكۈمىتىدىن بىرەر بايانات ئېلان قىلىنمىدى. سۇرىيە رەسمى خەۋەر ئاگېنتلىقى «سانا» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ISIS يەرمۇكتىكى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئۇلارغا ئىنساني ياردەم يەتكۈزۈشمۇ قىيىن بولماقتا ئىكەن.
يەرمۇك لاگېرى سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ بەدىلىنى ئەڭ ئېغىر تۆلىگەن رايۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، لاگېردا بۇنىڭدىن بۇرۇن 160 مىڭ كىشى ياشايدىغان بولۇپ ھازىر 18 مىڭ كىشى قالدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved