ئامېرىكا «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، ئامېرىكا ئەڭ يېڭى فېدېراتسىيە سانلىق مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، 2014-يىلى دۆلەت ئىچىدە ئىسپىرت سەۋەبىدىن قازا قىلغان ئادەملەرنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاشىدىكەن.
ئامېرىكا«ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2014-يىلىدىكى ئۆلۈش نىسبىتى ھەر 100 مىڭ ئادەم ئارىسىدا 9.6 ئادەم بولۇپ، بۇ 2002-يىلىغا قارىغاندا %37 ئاشقان، بۇنىڭ ئارىسىدا ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە خىروئىن سەۋەبىدىن ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ ئىكەن ھەمدە بۇ ئۆلۈش سەۋەبلىرى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش ۋە مەست بولۇپ قاتىللىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.
ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نورمىدىن ئارتۇق ھاراق ئىچىش ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ئۆلۈملەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەن. بىر سەھىيە ئەمەلدارى:«2006-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، ھەريىلى نورمىدىن ئارتۇق ھاراق ئىچىپ قازا قىلغانلارنىڭ سانى 88 مىڭغا يەتتى»دېدى.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved