مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى 1-مارت رىيادقا بېرىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا رەسمىي زىيارەتتە بولدى ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان بىلەن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.
تاراتقۇلار باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: سېسىنىڭ زىيارىتى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەرھۇم پادىشاھى ئابدۇللا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مىسىر بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىبارەت ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى سۈنئىي مەزھىپىدىكى بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەم ئىكەنلىكى، ئىككى دۆلەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ يەمەن ۋەزىيىتى، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» گە بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇش ھەمدە شىئە مەزھىپىدىكى چوڭ دۆلەت ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved