جاھان ئاگېنتلىقى 12-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: روسىيەگە قاراشلىق «تاتارىستان ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيتى» نىڭ پايتەختى قازان شەھىرىدە ئوت كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ھادىسىدىن كېيىن بىر تاللا بازىرى گۈمۈرلۈپ 25 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇش ئاستىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى، ئوت كېتىش ھادىسىسىدە 5 كىشى ئۆلدى.
روسىيەگە قاراشلىق مۇستەقىل تاتارىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ پايتەختى قازاندا، چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ھادىسىسىدىن كېيىن گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بىر تاللا بازىرىدا قۇتقۇزۇش خادىملىرى 25 كىشىنى ئىزدىمەكتە.
ئوت ھادىسىسىدە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، 55 كىشى يارىلاندى. جىددى ئەھۋالغان تاقابىل تۇرۇش ئەترەتلىرى شۇ كۈنى تەخمىنەن 650 كىشىنى بىنادىن چىقىرىپ قۇتقازدى.
ئوت كېتىش ھادىسىسى، «Amiral» تاللا بازىرىنىڭ ئاستى قەۋىتىدىكى بىر بۇلۇڭدا باشلانغان دەپ قارالدى، ئوت كېتىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى نامەلۇم بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىدىن بىرى بۇ ھادىسىنىڭ توك سىم يولىدىن چىققانلىقىنى ئېيتتى.
قازان شەھىرىدە يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئوخشاش ئىككى قېتىم ئوت كېتىش ھادىسىسى يۈز بەردى. تاجىكىستان ئاپەت ئىشلىرى مىنىستىرى مارات رەھمىتۇللاھنىڭ ئېيتىشىچە، كىچىك تىپتىكى بازار ۋە تاللا بازىرى مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ ئوخشاش سەۋەب نوقتىسى بولسا، توك سىم يوللىرىغا ھەددىدىن زىيادە بېسىم بولۇپ كەتكەنلىكىدۇر. دېدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved