جاھان ئاگېنتلىقى 25-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەننىڭ مارىب رايۇنىدا سائەت 19:00 دىن سائەت 07:00 گىچە كوچىغا چىقىشنى چەكلەش قانۇنى ئېلان قىلىندى. ساقچى دائىرلىرىدىن ئېرىشكەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، مارىبتىكى يەرلىك ئەمەلدارلار، رايۇن مەركىزىدە سائەت 19:00 دىن 07:00 گىچە كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقاردى. مەزكۇر رايۇنىدا ھۇسىي ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى ئەزالىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يۇقاپ كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ قارار چىقىرىلدى. مارىب ۋالىسى سۇلتان ئەل-ئارادە بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ساقچى قىسىملىرىنىڭ ھۇسىيلەرنىڭ تەھدىتىگە قارشى بىردەك ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. يەمەننىڭ شەرقىدىكى مارىب ۋىلايىتى يەمەننىڭ تەبىي گاز ۋە نىفىت مەنبەلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق رايۇنى ھىسابلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved