قۇرغاق تېرىدە تېرە ياغ بېزى ئاجرالمىلىرىنىڭ زىيادە ئازلىقىدىن تېرە پارقىراقلىقى ۋە ھېچقانداق تېرە ئاسىراش بويۇملىرى سۈركەلمىسە، يۈز تارتىشىپ ئېچىشىدۇ ھەمدە كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇششاق قورۇق پەيدا بولىدۇ، ئېغىرلاشقاندا قۇرغاق ئورۇننىڭ تېرىسى چۈشىدۇ. شۇڭلاشقا، قۇرغاق تېرىگە تەركىبىدە ماي، ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولغان گىرىم بۇيۇملىرىنى تېرىنى تۇلۇق ئوزۇقلاندۇرىدىغان ياسالمىلارنى سۈركەش ھەمدە تېرىنى ئۇۋۇلاش ۋە تازىلاشنى كۈچەيتىش لازىم. ئادەتتە كالا سۈتى، بېلىق، ئاقسىل، لىمون، ئاپلېسىن، پەمىدۇر قاتارلىقلارنى ۋە تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ئوزۇقلىنىشنى كۈچەيتىپ، تېرىدە قورۇق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قۇرغاق تېرىنى ئاسراشنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:
1.نېيتىرال خاراكتېرلىك يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن ياكى ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى پاكىز سۇ بىلەن بىر قېتىمدىن يۈز يۇيۇلىدۇ. ئەگەر يۈزگە گىرىم قىلىنغان بولسا، ئالدى بىلەن گىرىمنى پاكىز تازلىۋېتىپ، ئاندىن پاكىز سۇدا يۇيۇلىدۇ.
2.يۈزىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن دەرھال تېرىنى يۇمشىتىدىغان گىرىم سۇيۇقلۇقى سۈركىلىدۇ، ئارقىدىنلا ئۇۋۇلىنىدۇ. ئۇۋۇلىغاندا يۈزگە ئۇۋۇلاش زىماتى مۇۋاپىق مىقداردا تەكشى سۈركىلىدۇ، ناۋادا تېرە زىيادە قۇرغاق بولسا، تېرىنى سىلىقلاش مېيى قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ، ئاندىن 3-، 4- بارماق بىلەن مۇسكۇل بويلاپ تەخمىنەن ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە يەڭگىل ئۇۋۇلاپ، سەل قىزىغان سېزىم بولغاندا گىرىم قەغىزى بىلەن ئۇۋۇلاش زىماتى پاكىز سۈرتىۋېتىلىدۇ.
3.ئۇۋۇلاپ بولغاندىن كېيىن ماي تەركىبى يۇقىرى بولغان ئېمولىسىيەلەنگەن گىرىم سۇيۇقلۇقى ۋە تېرىگە زۆرۈر بولغان سۇ بىلەن ئوزۇقلۇق تولۇقلىنىدۇ. ناۋادا ۋاقىت يار بەرسە ھەپتىدە بىر قېتىم يۈز تازىلىنىدۇ. يۈز تازىلىنىپ بولغاندىن كېيىن قورۇغۇچى گىرىم سۈيى سۈركىلىپ، يۈز يەڭگىل شاپلاقلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېرە خاراكتېرى تەڭشىلىپ تېرە ساغلاملىشىدۇ.
4.ئەڭ ئاخىرىدا ئۇخلاش ئالدىدا ئوزۇقلاندۇرۇش زىماتى يۈزگە تولۇق سۈركىلىدۇ، بولۇپمۇ كۆزنىڭ ئەتراپىغا ماي تەركبى مول بولغان كۆز زىماتى ياكى ئۇزۇقلاندۇرۇش زىماتى سۈركىلىدۇ. ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئوزۇقلاندۇرۇش زىماتى پەقەت كېچىدە ئىشلىتىلىپ، كۈندۈزى قوغدىنىش زىماتى سۈركىلىدۇ.
تېرىنى ئاسراش تەرتىپى: يۈز يۇيۇش-› يۇمشىتىدىغان گىرىم سۈيى-› ئۇۋۇلاش (كۈنىگە ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن، قىزىق لۆڭگە بىلەن بىر ئاز ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇنداق قىلغاندا ئۇۋۇلاشنىڭ ئۈنۈمى ئاشۇرۇلىدۇ)-› يۈز تازىلاش (ھەپتىدە بىر قېتىم) -› ئوزۇقلاندۇرۇش زىماتى سۈركەش.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved