جۇڭگو ئاگېنىتلقنىڭ 5-ئايىنىڭ7-كۈنى كۇئالالامپوردىن بەرگەن تېلگىراممىسى، ئىسلام ساياھەت تور بېتى 7-چېسلا 2014-يىلدىكى مۇسۇلمانلار ساياھەت نوقتىسنى باھالاش نەتىجسنى ئېلان قىلغان:
يەرشارىدىكى ئون چوڭ مۇسۇلمانلار ساياھەت نوقتىسى ئىچىدە ئىسلام يىغىن تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە مالايسىيا غەلبلىك ھالدا چىمپىيون بولدى.
مەزكۇر تور بېكتى 2014-يىلدىكى مۇسۇلمانلار ساياھەت نوقتىسنى باھالاشتا 60 دۆلەت باھالاش ئوبىكتى بولغان ھەمدە ئىسلام يىغىن تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئەزا ئەمەس دۆلەتلەر دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلغان.
ئىسلام يىغىن تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككىنجى ، تۈركىيە ئۈچىنجى ، ھىندونېزىيە تۆتىنجى بولغان.
ئىسلام يىغىن تەشكىلاتىغا ئەزا ئەمەس دۆلەتلەر ئىچىدە سىنگاپور ، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە تايلاند ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىگە ئېرىشكەن بۇلۇپ ، بۇ سىنگاپورنىڭ ئىككىنجى قېتىم چىمپىيون بۇلشى ئىكەن.
بۇ باھالاش ئاساسلىقى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ مۇسۇلمان ساياھەتچىلەر ئۈچۈن تەمىنلىگەن مۇلازىمتى،ئەسلىھەلىرى، ساياھەت تەشۋىقاتى ۋە ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ باھالاپ چىقلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved