بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ: جەنۇبىي ئافرىقا قىتئەسىدە بۇ يىل قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن ئاشلىق ھوسۇلى ئازلاپ كەتكەنلىكتىن، ئاچارچىلىق پەيدا بولۇپ، 14 مىليون ئادەم بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن دېدى. بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2015-يىلى ئېرنىنو ھادىسىسىنىڭ تەسىرىدە جەنۇبىي ئافرىقا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردە ئومۇميۈزلۈك قۇرغاقچىلىق بولدى، ئاشلىق ھوسۇلى زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتتى. ھازىر گەرچە يامغۇر پەسلى بولسىمۇ، لېكىن كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئېرنىنو ھادىسىسى سەۋەبىدىن جەنۇبىي ئافرىقا قىتئەسىدە يامغۇر ئازلاپ كېتىپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزدى.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: جەنۇبىي ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ دۆلەت جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكەن يىلىدىكى يامغۇر مىقدارى 1904-يىلىدىن بۇيان ئەڭ ئاز بولدى، ئۇدا قۇرغاقچىلىق بولغانلىقتىن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتى زور مىقداردا ئازلاپ كەتتى، زامبىيە، زىمبابۇۋى ۋە مالاۋى قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلدى.
جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق مىنىستىرى زوكونا 16-يانۋار مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جەنۇبىي ئافرىقا ھازىر ئاشلىق كىرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە، بەش مىليوندىن ئالتە مىليون توننىغىچە ئاق كۆممە قوناق ۋە سېرىق كۆممە قوناق ئىمپورت قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق، بۇنىڭغا تەخمىنەن بىر مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ كېتىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved