تايلاند «ساياھەت سودا ھەپتىلىكى گىزىتى»نىڭ 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى ماقالىسىدا، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ سۆز-ھەركەت ئەدەپ ئەخلاقىنىڭ مەدەنىيەتسىزلىكىگە قارىتا (تايلاند) چىڭمەي ئونىۋېرسىتىتى جەمىيەتشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك رايىنى تەكشۈرۈشتىن كۈرۈلۈشچە چىڭمەي شەھەر ئاھالىلىرى جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىلەرنى ئالۋاستىدىن بەتتەر ئىپلاس دەپ قارايدىكەن، ھەمدە تۇرمۇشىدا جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچرىماسلىقنى ئۆمۈد قىلىدىكەن. مەزكۇر تەتقىقات ئورنى توردا سۇئال-جاۋاب شەكلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، يەنە ئىجتمائى ئالاقە تور پونكىتىدا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىغان. چىڭمەي شەھەر ئاھالىلىرىدىن 2200 كىشى بۇ تەكشۈرۈش سۇئالىنى تولدۇرغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئويلىمىغان يەردىن چىققان، چۈنكى تايلاندتىكى جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن كۆپ قىسىم شەھەرلەر دە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەنقىدى پىكىرلەر يېغىپ كەتكەن. %80 زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ قارىشىچە جۇڭگۇ ساياھەتچىلىرى شۇ جاينىڭ ئىجتىمائى رايۇنلىرىغا ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كىلىۋېتىپتۇ، ئۇلارنىڭ دىيشىچە جۇڭگۇ ساياھەتچىلىرى بەكلا ۋارقىراپ-جارقىرايدىكەن، ئۆچرەتتە تۇرۇشنى رەت قىلىدىكەن، قىستىشىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چىكىدىكەن، ھەتتا تازىلىققا پەقەتلا رىئايە قىلمايدىكەن. زىيارەت قىلىنغۇچى ئاغىرىنغان ھالدا جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىلەر يەنە خالىغان يەرگە تۈكىرىۋىرىدۇ، ئەخلەتنى قالايمىقان تاشلايدۇ، بۇنىڭدىن سىرت جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىلەر ساياسەت مەنزىرە نوقتىلىرى، ئاممىۋى سورۇنلار ھەتتا ئالى مەكتەپ ھويلىلىرىدىمۇ پەقەت بەلگىلىمىگە رىئايە قىلمايدۇ دىگەن.
يەنە %70 زىيارەت قىلىنغۇچى جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ شەھرىگە قەدەم باسماسلىقىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، %51 زىيارەت قىلىنغۇچى جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئەسلىدىنلا چەكلىك بولغان ھەم ياخشى ئاسرىلالمايۋاتقان ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۋەتتى دەپ قارايدىكەن. %53 زىيارەت قىلىنغۇچى ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق سىياسەت تۈزمىگەنلىكىنى ھەل قىلىش لاھىيسىنىڭمۇ يوقلىقىنى ئېيتقان.
بۇنىڭدىن باشقا، %48 زىيارەت قىلىنغۇچى شۇ يەردىكى كىشىلەر جۇڭگۇلۇقلار ئېلىپ كەلگەن ساياھەتچىلىك بىلەن روناق تېپىپ كەتكىنى يوق دىگەن. %38 كىشى جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىلەرنىڭ كىلىۋىرىشى جىنايەت مەسىلىلىرىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارايدىكەن. %30 كىشى جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىلەرنى ئۇزلىرىنىڭ ئونىۋېرسال تۇرمۇش سۈپىتىگە يامان تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ دەپ قارايدىكەن.
2009-يىلى، تەخمىنەن 700 مىڭ جۇڭگۇلۇق تايلاندقا ساياھەتكە كەلگەن بولسا، 2013-يىلغا كەلگەندە بۇ سان 4 مىليۇن 700 مىڭغا يەتكەن. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتچى كىلاۋان ساھاكوئىن مۇنداق دەيدۇ: «تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىلەر شۇ جايدىكى كىشىلەرگە كۆپ ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن باشقا ئەللەردىن كىلىدىغان ساياھەتچىلەر سانى كەملەپ كىتىۋاتىدۇ». مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ قارىشىچە بۇ تەكشۈرۈشنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردىمى تىگىدىكەن، يەنى مۇۋاپىق ئۇسۇللارنى تېپىپ جۇڭگۇ ساياھەتچىلىرىنىڭ ئۆز قىلمىشىنى ئۆزگەرتىشىگە ئىلھام بەرگىلى بولىدىكەن.
![]() |
چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ماي خەۋەر قىلىشىچە: كىم جوڭئۇن 6-ماي ئېچىلغان چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 7- قۇرۇلتىيىدا ئىچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن.
كىم جوڭئۇن مۇنداق دې...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مېكسىكا، كولۇمبىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇقرالار يىغىلىشقا قاتنىشىپ، نەشە چېكىشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved