ئەنگىلىيەدىكى دۆلەت كارخانىلىرى رىقابەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ

30 نەچچە يىللىق بازارلىشىش ئىسلاھاتى دولقۇنىدىن كېيىن نۆۋەتتە ئەنگىلىيەدە دۆلەت كارخانىلىرى ئاساسلىقى ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە يادرو ئېنېرگىيەسى بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتى.
دۆلەت كارخانىلىرىنى قانداق باشقۇرۇش ئەنگىلىيەدە داۋاملىق تىلغا ئېلىنىدىغان مەسىلە، ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ساچىر خانىم 1979-يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئەنگىلىيەدە دۆلەت كارخانلىرى كۆلىمى ۋە سانى زور دەرىجىدە ئازايدى، نۆۋەتتە بازار رىقابىتىنى ئاشۇرۇش، ئەنگىلىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئەنگىلىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.
ئەنگىليە نودىنھان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاتسېنتى ۋاڭ جىنمىن يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنگىليە رىقابەتلىشىشكە ئىلھام بېرىدىغان ئىقتىسادى تۈزۈلمە ۋە ئىقتىسادىي قاراشقا ئەمەل قىلىدۇ، رىقابەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، رىقابەت باھانى چۈشۈرەلەيدۇ شۇنداقلا ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: ساچىر خانىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە يولغا قويۇشقا باشلىغان بازارلىشىش ئىسلاھاتى دولقۇنى ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ، 2013-يىلى ئەنگىلىيە ھكۆۈمىتى 360 يىللىق تارىخقا ئىگە خانلىق پوچتىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى يەنە پات يېقىندا لۋائەيدى بانكىسىنىڭ دۆلەت پېيىنى ساتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.بۇلار بۇ يۈزلىنىشنىڭ مىسالى بولالايدۇ.
30 نەچچە يىللىق بازارلىشىش ئىسلاھاتى دولقۇنىدىن كېيىن نۆۋەتتە ئەنگىلىيەدە دۆلەت پېيىنى كونترول قىلىدىغان ۋە دۆلەت پاي قاتقان كارخانىلار ئاساسلىقى ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە يادرو ئېنېرگىيەسى بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتى، ئەنگىليە ھۆكۈمىتى پېيىنى كونترول قىلىدىغان ياكى پېيى بار شىركەتلەر ئاز بولۇپ، خەلق ئىگىلىكىدە ئىگەللىگەن سالىمىقىمۇ تۆۋەن.
كونكېرىت قارىغاندا بۇ دۆلەت كارخانىلىرىنى تۆت تۈرگە ئايىىغىلىى بولىدۇ، بىرىنچى خىلى، ئاساسلىقى ئاممۋى مۇلازىمەتكە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار، ئالايلۇق، ۋەيران بولغان كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىدارىسى، يەر رويخەت ئىدارىسى، ئەنگىلىيە ھاۋا رايى ئىدارىسى قاتارلىقلىقلار، ئىككىنچىسى، يادرو ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى كارخانىلار، ئالايلۇق دۆلەلتىك يادرو ئېنېرگيەسى تەجرىبىخانىسى، ئۈچىنچى تۈردىكىسى ئاساسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادى سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت شەخسىلەر مەبلەغ سېلىشنى خالىمىغان ساھەلەرگە مەبلەغ سالغان كارخانىلار،ئالايلۇق، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى قۇرغان يېشىل مەبلەغ سېلىش بانكىسى بۇ بانكا يېشىل تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشقا مەسئۇل.

ئۇنىڭدىن باشقا تۆتىنچى تۈردىكى دۆلەت كارخانىلىرىدا ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ساھەگە ئارىلىشىش فۇنكىسىيەسى ئىپادىلىنىدۇ، 2008-يىلى پۇل مۇئامىلە كىرزىسى پارتلىغاندىن شۇنداقلا يامرىغاندىن كېيىن ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان راۋئەيدې بانكىسى ۋە شوتلاندىيە خانلىق بانكىسىغا پاي قېتىپ، بۇ ئىككى بانكىنى قۇتقۇزۇپ ئالدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتسىادى ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ۋە كارخانىلارنىڭ تىجارىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى پېيىنى سېتىپ، تەدرىجى چېكىنىپ چىقتى.
نۆۋەتتە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرۇشتا ئاساسلىق دۆلەت ئىلگىدىكى پايچىك باشقۇرۇش ئىدارىسىغا تايىنىدۇ، بۇ ئاپپارات ئەسلى ھەرقايسى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئۆز ئالدىغا مەسئۇل بولىغان دۆلەت كارخانىلىرى ئىشلىرىنى بىرتۇتاش باشقۇرىدۇ، ئۇ دۆلەتنىڭ ئاچقۇچلۇق مۈلكىنى باشقۇرۇدىغان مۇھىم ئورۇن بولۇپ، ئەنگىىليەنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى دەپ قارىلىدۇ.
ۋاڭ جىنمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت كارخانلىرىنىڭ بارلىق پىېيى ياكى بىر قسىم پىېيى دۆلەتنىڭ، ئەمما كارخانىلار مۇستەقىل تىجارەت قىلىدۇ، دۆلەت كارخانلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە تىجارەت ھوقۇقىنى ئايرىشقا كاپالەتلىك قىلىشتا ئەنگىلىيەنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى ــ پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇش، كارخانىلاردا پاي ھوقۇقىنى كۆپمەنبەلەشتۈرۈش.
ۋاڭ جىنمىن مۇنداق دېدى: ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىۋاستە باشقۇرۇشقا ناھايىتى ئاز ئارىلىشىدۇ،ئۇنى ھۆكۈمەت تارماقلىرى بەلگىلەپ بەرگەن مۇدىرىيەت باشقۇرىدۇ، مۇدىرىيەت ئەزالىرى بۇ كەسپىنى پىششىق بىلىدىغان يۇقۇرى دەرىجىلىك كارخانا باشقۇرغۇچىلىرى، تەجرىبىسى مول كارخانا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سىرتقى ساھەنىڭ خادىملىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق خىزمىتى كارخانىلارنىڭ ئىستراتېگيەسى، تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش.
ئەنگىليەدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۇچۇرى بىرقەدەر ئاشكارە، ھۆكۈمەت دۆلەت كارخانىلىرى ھەققىدىكى ئىستراتېگيەلىك قارارنى ھۆكۈمەتنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىدۇ، بۇمۇ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت كارخانلىرىنىڭ يۇقۇرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىدىكى بىر مۇھىم تەرەپ.



خەتكۈچلەر:
22-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
27-05-2016
يەر شارى تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو-كورىيە ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى سىئولدا 14- نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورىيە ئىقت...
27-05-2016
خېشۈن تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     5- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 بولغاندا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1217.56 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 12 دوللار چۈشۈپ كەتت...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئۈرۈمچى تاموژنىسى 26- ماي ئېلان قىلغان سىتاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016- يىلى 1- ئايدىن 4- ئايغىچە شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئ...
27-05-2016
    FX168 خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ۋېنېزۇئېلا ئىقتىسادى كىرىزىسنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قەرز تۆلەش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرىدى. بۇ دۆلەتنىڭ مەركىزى بانكىسى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە زور مىقداردا ئالتۇن سېت...
27-05-2016
تېڭشۈن تورى پەن-تېخنىكىسىنىڭ 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ ئىككىنچى چوڭ تور ئەسلىھەسى ياساش شىركىتى جوڭشىڭ ئالاقىسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن 23 بايراقدا...
26-05-2016
Business Insider تورىنىڭ 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: Business Insider ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە سانلىق مەلۇمات شىركىتى Equilar تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى كەسپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىج...
26-05-2016
خېشۈن تورى 26- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     5- ئاينىڭ 26- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1229.20 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن...
Powered by Leglek