ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 20-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 1996-يىلى، فىرانسىيەدىكى مىسىرشۇناس ئالاين زۋيې قاھىرەنىڭ جەنۇبىدىكى 20 كىلومېتىرلىق ئورۇندىكى ساققارادىن مىسىردىكى ئۆسمۈر تۇتانكامۇننىڭ ئىنىكئانىسى مايانىڭ قەبرىسىنى بايقىغان. 20 يىلغا ۋاقىتتىن بۇيان، مايانىڭ قەبرىسى تۇنجى قېتىم تاراتقۇلارغا ۋە ئاۋامغا ئېچىۋېتىلگەن، بۇنىڭدا مىسىرنىڭ ساياھەتچىلىكىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. قەبرىنىڭ تاملىرىدا نۇرغۇن يازمىلار ۋە ئويمىلار بار بولۇپ، مايانىڭ تۇرمۇشى خاتىرىلەنگەن. مىسىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مامدوھ ئەل داماتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تام رەسىملىرى مايانىڭ تۇتانكامۇندىن خەۋەر ئېلىۋاتقان مەنزىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved